گېرمانىيە پارلامېنتىكى ئەرمەنى قارارنامىسىنى رەت قىلغان پارلامېنت ئەزاسى

گېرمانىيە پارلامېنتىدا بىر پارلامېنت ئەزاسى 1915 – يىلقى ۋەقەلەرگە مۇناسىۋەتلىك ئەرمەنى دەۋالىرىغا ئالاقىدار قارارنامىنى دادىللىق بىلەن رەت قىلدى.

507186
گېرمانىيە پارلامېنتىكى ئەرمەنى قارارنامىسىنى رەت قىلغان پارلامېنت ئەزاسى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: گېرمانىيە باش مىنىستىرى ئانگېلا مېركېل رەھبەرلىكىدىكى خىرىستىيان دېموكراتلار بىرلىكى پارتىيەسىنىڭ ئەزاسى بېتىنا كۇدلا مەزكۇر قارارنامىنى پارلامېنت باشلىقى نوربېت لاممېتنىڭ ئۇدا ئىككى قېتىم سورىغان بولۇشىغا قارىماي دادىللىق بىلەن رەت قىلىپ مۇنداق دېدى: «باشقا دۆلەتلەردە يۈز بەرگەن تارىخىي ۋەلەرگە باھا بېرىش گېرمانىيە پارلامېنتىنىڭ ۋەزىپىسى ئەمەس. بۇ قارارنامە تۈركىيە – گېرمانىيە مۇناسىۋەتلىرىگە سەلبىي تەسىر كۆرسىتىدۇ، بولۇپمۇ تۈركىيە بىلەن ياۋروپا ئىتتىپاقى ئوتتۇرىسىدىكى كۆچمەنلەرنى قايتا قوبۇل قىلىش كېلىشىمىنى قىيىن ئۆتكەلگە دۇچار قىلىدۇ. جۈملىدىن تارىخىي ۋەقەلەرگە باھا بېرىش مېنىڭ ۋەزىپەممۇ ئەمەس، بۇ تۈركىيە ھۆكۈمىتى بىلەن ئەرمېنىيە ھۆكۈمىتىگە مۇناسىۋەتلىك ئىش.» كۇدلا قارارنامە ئاۋازغا قويۇلغاندىن كېيىن مۇنداق دېدى: «ماڭا بۇنداق قاتتىق ئىنكاس قايتۇرۇلىدىغانلىقىنى ئويلاپمۇ باقماپتىكەنمەن. خىرىستىيان دېموكراتلار بىرلىكى پارتىيەسىنىڭ پارلامېنتتىكى گۇرۇپپىسىنىڭ تەنقىدلىرىدىن باشقا يەنە، ئۆز پارتىيەمدىكىلەرمۇ ماڭا نارازىلىق بىلدۈردى. ئەمما بولۇپمۇ ئاممىۋى تاراتقۇلاردا تۈركىيە ۋە گېرمانىيەدىكى نۇرغۇنلىغان شەخسلەر مېنى ئادەتتىن تاشقىرى دەرىجىدە قوللاپ قۇۋۋەتلىدى. گېرمانىيە پارلامېنتى ئەسلىدە بۇنداق قارارنامىنى ئاۋازغا قويۇشنىڭ ئورنىغا نۆۋەتتە ياۋروپا دۇچ كېلىۋاتقان كۆچمەنلەر كىرىزىسىنى ھەل قىلىشقا تىرىشىشى كېرەك ئىدى.» بۇ ئارىلىقتا، كۇدلا ئىستانبۇل ۋىلايەتلىك بەيكوز ناھىيەسىنىڭ پۇقراسى بولدى. بەيكوز ناھىيە مەجلىسى بىردەك ئاۋاز بىلەن قارار ماقۇللاپ، گېرمانىيە پارلامېنتىدىكى 630 پارلامېنت ئەزاسى ئىچىدە ئاتالمىش ئەرمەنى قىرغىنچىلىقى قارارنامىسىنى رەت قىلغان خىرىستىيان دېموكراتلار بىرلىكى پارتىيەسىنىڭ بىردىن - بىر پارلامېنت ئەزاسى كۇدلانىڭ بەيكوزنىڭ پەخرىي پۇقرالىقىنى تەستىقلىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر