ئەرمەن قارار لاھىيەسى تۈركىيەنىڭلا ئەمەس گېرمانلارنىڭمۇ نارازىلىقىغا ئۇچرىدى

ئاتالمىش 1915 – يىل ۋەقەلىرىگە مۇناسىۋەتلىك ئەرمەن دەۋالىرىغا دائىر قارار لايىھەسىنىڭ گېرمانىيە فېدېراتىپ مەجلىسىدە قوبۇل قىلىنىشىغا بولغان نارازىلىقلار داۋاملاشماقتا.

504288
ئەرمەن قارار لاھىيەسى تۈركىيەنىڭلا ئەمەس گېرمانلارنىڭمۇ نارازىلىقىغا ئۇچرىدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: گېرمانىيەنىڭ قارارىغا يالغۇز تۈركىيەلا ئەمەس، گېرمانىيەنىڭ ئىچىدىنمۇ نارازىلىقلار بىلدۈرۈلمەكتە؛ بۇ قاتاردا گېرمانىيەنىڭ داڭلىق ھەپتىلىك خەۋەرلەر ژۇرنىلى ‹ستېرن›مۇ نارازىلىق بىلدۈردى... خانس ئۇلرىخ يارگىسنىڭ ژۇرنالدا ئېلان قىلىنغان ماقالىسىدە، گېرمانىيە فېدېراتىپ مەجلىسىنىڭ قارارى قاتتىق تەنقىد قىلىندى.

يارگىس ماقالىسىدە، «بىزنىڭ ئۆتمۈشىمىزدە ناھايىتى ئېغىر بىر قىرغىنچلىق بار. بىز بۇنى قوبۇل قىلمايمىز. شۇڭا، بىز باشقا مىللەتلەرنىڭ ئۆتمۈشى توغرىسىدا قارار چىقارماسلىقىمىز لازىم» دېگەن ئىبارىلەرنى ئىشلەتتى. ماقالىدە، قارارنىڭ تۈركىيەنىڭ گېرمانىيە ۋە ئەرمېنىيە بىلەن بولغان مۇناسىۋەتلىرىگە سەلبىي تەسىر كۆرسىتىدىغانلىقى ئالاھىدە تەكىتلەندى.

يارگىس ماقالىسىدە، «بۇ قارار بىلەن بىرلىكتە تۈرك – گېرمان مۇناسىۋەتلىرىگە ناھايىتى ئېغىر زىيان يەتكۈزىدىغان بىر ئەھۋال شەكىللەندى. بۇ قارارنى چىقارغۇچىلار تۈركلەر بىلەن ئەرمەنلەر ئارىسىدىكى مۇناسىۋەتلەردە يېقىنلىشىش كۆرۈلىدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرمەكتە. لېكىن، دەل ئەكسىچە ئىككى دۆلەت ئارىسىدىكى مۇناسىۋەتلەر تېخىمۇ چىگىشلىشىپ كېتىدۇ» دېگەنلەرنى قەيت قىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر