مىكروسوفت خىزمەتچىلىرىنى ئىشتىن بوشىتىشنى داۋاملاشتۇرماقتا

دۇنياغا داڭلىق تېخنولوگىيە شىركىتى مىكروسوفت جەمئىي 1850 خىزمەتچىسىنى ئىشتىن بوشىتىدىغانلىقىنى ئۇقتۇردى.

498037
مىكروسوفت خىزمەتچىلىرىنى ئىشتىن بوشىتىشنى داۋاملاشتۇرماقتا

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: مايكروسوفت شىركىتىنىڭ بۇ ھەقتىكى ئۇقتۇرۇشىدا كۆرسىتىلىشىچە، شىركەتنىڭ ئەقىللىق تېلېفون بۆلۈمىدىكى ئىشتىن بوشىتىلىدىغان 1850 خىزمەتچىنىڭ 1350 ى فىنلاندىيەدىكى ئىشخانىسىدا ئىشلەيدىغانلار ئىكەن. ئۇقتۇرۇشتا، ئەمگەك كۈچىنى قىسقارتىشنىڭ شىركەتكە 950 مىليون دوللار پايدا يارىتىدىغانلىقىنى، بۇنىڭ 200 مىليون دوللىرىنىڭ ئىشتىن بوشىتىش راسخوتلىرىغا ئاجرىتىلىدىغانلىقى قەيت قىلىندى.

شىركەتنىڭ ئىجرائىيە ئىشلىرى ئورگىنى باشلىقى ساتيا نادېللا، مىكروسوفتنىڭ كۆچمە خەۋەرلىشىش ساھەسىدىكى بۇلۇت (colud) تېخننولوگىيەسى خىزمەتلىرى بىلەن باشقا ئاپپاراتلاردىكى يېڭىلىقلىرىنى داۋاملاشتۇرىدىغانلىقىنى ئېلان قىلدى.

مىكروسوفت 2013 – يىلى فىنلاندىيەدىكى غايەت تېلېفون شىركىتى نوكىيانى 7 مىليارد 200 مىليون دوللارغا سېتىۋالغان بولۇپ، كېلىشىمگە ئاساسەن نوكىيانىڭ 32 مىڭغا يېقىن خىزمەتچىسى مىكروسوفت قۇشۇنىغا قېتىلغانىدى. لېكىن، مىكروسوفت شىركىتى، 2014 – يىلى ئىيۇلدا 18 مىڭ ئەتراپىدا، 2015 – يىلى ئىيۇلدا 7800 خىزمەتچىسىنى ئىشتىن بوشاتتى. ئەمگەك كۈچىنى قىسقارتىش ئاساسلىقى يەنىلا شىركەتنىڭ ئەقىللىق تېلېفون بۆلۈمىنى نۇقتا قىلغانىدى.

ئىگىلىنىشىچە، مىكروسوفتنىڭ دۇنيا مىقياسىدا 110 مىڭ ئەتراپىدا خىزمەتچىسى بار ئىكەن.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر