دۇنيادىكى تۈركلەر ئاتالمىش يالغانچىلىقلارغا قارشى يۈرۈش تەشكىللىدى

ئامېرىكا پايتەختى ۋاشىنگتوندا ئەرمەنلەرنىڭ دەۋالىرىغا قارشى تۈركىيەنى قوللاش مەقسىتىدە ئۆتكۈزۈلگەن «تىنچلىق ۋە ھەمكارلىق يۈرۈشى» گە مىڭلارچە ئادەم قاتناشتى.

477965
دۇنيادىكى تۈركلەر ئاتالمىش يالغانچىلىقلارغا قارشى يۈرۈش تەشكىللىدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈرك – ئامېرىكان مىللىي يۈزلەندۈرۈش كومىتېتى ۋاشىنگتوندا تۈركىيەنى قوللاش يۈزىسىدىن «تىنچلىق ۋە ھەمكارلىق يۈرۈشى» تەشكىللىدى. يۈرۈش ئاقساراي ئالدىدىن باشلىنىپ، تۈركىيەنىڭ ۋاشىنگتوندىكى ئەلچىخانىسى ئالدىدا ئاخىرلاشتى. يۈرۈشكە، تۈركىيە بۈيۈك مىللەت مەجلىسى (پارلامېنتى) نىڭ تۈرك – ئامېرىكان دوستلۇق گۇرۇپپىسىنىڭ باشلىقى ئەلىسارىكايا، ئادالەت ۋە تەرەققىيات پارتىيەسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى فاتما بەتۈل سايان، ئادالەت ۋە تەرەققىيات پارتىيەسىنىڭ پارلامېنت ئەزاسى ئەرتان ئايدىن، تۈركىيەنىڭ ۋاشىنگتوندىكى باش ئەلچىسى سەردار قىلىچ ۋە ئامېرىكا مۇسۇلمانلىرى كېڭىشىنىڭ باش كاتىپى ئۇساما جامال قاتناشتى.

بۇ قېتىمقى يۈرۈشنىڭ يەنە بىر مەقسىتى، ئاتالمىش 1915 – يىل ۋەقەلىرىگە مۇناسىۋەتلىك دەۋالارغا، ئىسلام دۈشمەنلىكىگە ۋە سۈرىيەلىك مۇساپىرلارغا دىققەت قوزغاش بولۇپ، يۈرۈشكە ئامېرىكىدا ياشاۋاتقان تۈركلەردىن باشقا يەنە، دوست دۆلەتلەرنىڭ پۇقرالىرى ۋە مۇسۇلمان خەلقلەرمۇ قاتناشتى. يۈرۈشكە قاتناشقانلار، «تىنچلىق ۋە ھەمكارلىق ئۈچۈن تۈركىيەنى قوللايمىز»، «ئەرمېنىيەنىڭ تېررورلۇق ھۇجۇملىرىدا قۇربان بولغانلارنى ئەسلەيمىز» دېگەن شوئارلار يېزىلغان لوزۇنكىلارنى كۆتۈرۈپ، تۈركىيەنى قوللايدىغان شوئارلارنى توۋلىدى.

دەل بۇ ۋاقىتتا، كانادادا ياشايدىغان تۈركلەرمۇ «ئەرمەنلەرنىڭ يالغانچىلىقلىرى» غا قارشى يۈرۈدى.

كانادالىق تۈركلەر تىنچلىق ۋە ھەمكارلىشىش مۇنبىرى تەشكىللىگەن 24 – ئاپرېل «تىنچلىق ۋە ھەمكارلىشىش يۈرۈشى»، شېھىت ئوفىتسېر ئاتىللا ئالتىكاتنىڭ قەبرىسىدىن باشلاندى. ئالدى بىلەن، 1982 - يىلى ئەرمېنىيە تېررورلۇق تەشكىلاتى «ئاسالا» (ASALA) مىلىتانلىرى ئوتتاۋادا شېھىت قىلغان تۈركىيەنىڭ كانادا ئەلچىخانىسىنىڭ ھەربىي مەسلىھەتچىسى ئوفىتسېر ئاتىللا ئالتىكات نامىغا قاتۇرۇلغان قەبرىگە گۈلچەمبىرەك قويۇلدى. ئارقىدىن شېھىتلەرنىڭ روھىغا ئاتاپ دۇئا ئوقۇلغاندىن كېيىن، كىشىلەر كانادا فېدېراتسىيە پارلامېنت بىناسىنىڭ ئالدىغا كەلدى. يۈرۈشكە قاتناشقانلار بۇ يەردە توپلانغان ئەرمەنلەرنىڭ نامايىشىغا قارشى تەكبىر ئېيتىپ، دۆلەت مارشى ئوقۇدى. ئاندىن تۈركىيەنىڭ ئوتتاۋادىكى ئەلچىخانىسىغا قاراپ يۈرۈشىنى داۋاملاشتۇردى.

يۈرۈشكە قاتناشقان مىڭلارچە كىشى يولبويى تۈركىيە ۋە كانادا بايرىقىنى لەپىلدىتىپ، ئەرمەنلەرنىڭ يالغانچىلىقىرىغا قارشى لوزۇنكىلارنى كۆتۈرۈپ ماڭدى. يۈرۈشكە، ئوتتاۋا، تورونتو، مونترېيال، خامىلتون، ئوكۋىللى، مىسسىساۋاگا ۋە بېرلىڭتون قاتارلىق شەھەرلەردە ياشاۋاتقان تۈركلەر ھەمدە باشقا نۇرغۇنلىغان دۆلەتلەرنىڭ پۇقرالىرىمۇ قاتناشتى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر