بەش ئىشتات سايلىمىدا ھىلارى بىلەن چامپ غەلىبە قىلدى

ئامېرىكىدا بەش ئىشتاتتا ئۆتكۈزۈلگەن پىرېزىدېنتلىق تەييارلىق سايلىمىدا، دېموكراتلاردىن سابىق تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ھىلارى كلىنتون، جۇمھۇرىيەتچىلەردىن دونالد چامپ غەلىبىلىرى بىلەن ئالاھىدى دىققەت تارتتى.

451948
بەش ئىشتات سايلىمىدا ھىلارى بىلەن چامپ غەلىبە قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئامېرىكىنىڭ 45 – نۆۋەتلىك پىرېزىدېنتىنى بەلگىلەيدىغان 8 – نويابىر سايلىمىغا قاتنىشىدىغان نامزاتلار، «خاسىيەتلىك سەيشەنبە» نىڭ ھاياجىنىنى باشتىن كەچۈردى.

جۇمھۇرىيەتچىلەر بىلەن دېموكراتلارنىڭ پىرېزىدېنت نامزات نامزاتلىرى فلورىدا، ئوخايو، مىسسۇرى ۋە شىمالىي كارولىنا قاتارلىق ئىشتاتلاردا ۋەكىللەرنىڭ قوللىشىغا ئېرىشىش ئۈچۈن رىقابەتكە چۈشتى. فلورىدا ئىشتاتىدا ئۆتكۈزۈلگەن سايلامدا، دېموكراتلارنىڭ نامزات نامزاتى ھىلارى كلىنتون رەقىبى بېرنى ساندېرسنى 64 ئاۋاز ئۈستۈنلۈك بىلەن مەغلۇپ قىلدى.

جۇمھۇرىيەتچىلەرنىڭ نامزات نامزاتى دونالد چامپ رەقىبىدىن 45 كۆپ ئاۋازغا ئېرىشتى. ئۆزىنىڭ يۇرتى فلورىدادا ئۇتتۇرۇپ قويغان جۇمھۇرىيەتچىلەرنىڭ نامزات نامزاتى ماركو رۇبىيو سايلام پائالىيىتىنى توختىتىدىغانلىقىنى ئېلان قىلدى.

جۇمھۇرىيەتچىلەر پىرېزىدېنت نامزاتىنى 18 – 21 – ئىيۇل ئوخايودا ئۆتكۈزۈلىدىغان قۇرۇلتايدا رەسمىي جاكارلايدۇ. دېموكراتلار 25 – 28 – ئىيۇل پېنسىلۋانىيە ئىشتاتىدا قۇرۇلتاي چاقىرىدۇ.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر