28.07.2021

بۈگۈنكى چەت ئەل مەتبۇئاتلىرىدىن تاللاپ تەييارلىغان خەۋەرلىرىمىزنىڭ قىسقىچە مەزمۇنلىرى تۆۋەندىكىچە:

1681493
28.07.2021

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى: ئىيوردانىيەدە چىقىدىغان «ئەددەستۇر گېزىتى»، 225 پەلەستىنلىك كىچىك بالىنىڭ قۇربان ھېيتنى ئىسىرائىلىيە تۈرمىلىرىدە ئۆتكۈزگەنلىكىنى خەۋەر قىلدى.

«ئەلقۇددۇس ئەلئەرەبى گېزىتى»، بىر ئىسىرائىلىيە گېزىتىنىڭ « ماراكەش ئىسىرائىلىيەنىڭ ئافرىقا قىتئەسىگە ئېچىلغان سودا دەرۋازىسى بولامدۇ؟» سەرلەۋھىسىدە خەۋەر ئېلان قىلدى.

قاتاردا چىقىدىغان «ئەررايە ئەلقاتارىييە گېزىتى» قاتار ئەمىرى شەيخ تەمىم بىن ھامېد ئالسانى بىلەن تۈركىيە جۇمھۇر رەئىسى رەجەپ تاييىپ ئەردوغاننىڭ ئىستراتېگىيەلىك مۇناسىۋەتلەرنى كۈچەيتىش توغرىسىدا سۆھبەت ئۆتكۈزگەنلىكىنى خەۋەر قىلدى.

گېرمانىيەدە چىقىدىغان «فرانكفۇرتېر ئالگېماينې زەيتۇڭ گېزىتى» (Frankfurter Allgemeine Zeitung)، گېرمانىيەدە يۈز بەرگەن كەلكۈن ئاپىتىنىڭ ئىستراخۇانىيە شىركەتلىرىگە بولغان چىقىمىنىڭ تەخمىنەن 5.5 مىليارد ياۋرو بولغانلىقىنى خەۋەر قىلدى.

گېرمانىيەنىڭ «د پ ئا ئاگېنتلىقى» (dpa)، گېرمانىيە نوپۇسىنىڭ يېرىمىنىڭ ۋۇخەن ۋىرۇسى ۋاكسىناسى ئەملەتكەنلىكىنى خەۋەر قىلدى.

گېرمانىيەنىڭ «زۈدۋېست ئاگېنتلىقى» (Südwest Presse)، ئامېرىكا بىلەن رۇسىيەنىڭ يادرو قورالسىزلىنىش توغرىسىدا جەنۋەدە قايتىدىن مۇزاكىرەلەرنى باشلىغانلىقىنى خەۋەر قىلدى.

ئىسپانىيەدە چىقىدىغان «ئېل مۇندو گېزىتى» (El Mundo)، ئىسپانىيەدە ۋۇخەن ۋىرۇسىغا مۇناسىۋەتلىك ۋەقەلەردە دېلتا ۋارىيانتىنىڭ %68 نى ئىگەللەيدىغانلىقىنى خەۋەر قىلدى.

مېكسىكادا چىقىدىغان «لا جورنادا گېزىتى» (La Jornada)، ئېكۋادورنىڭ ۋىكىلېكس تور بېتىنىڭ قۇرغۇچىسى ئاسسانجنىڭ پۇقرالىقىنى بىكار قىلغانلىقىنى خەۋەر قىلدى.

كولومبىيەدە چىقىدىغان «ئېل تىيېمپو گېزىتى» (El Tiempo)، پېرۇدا يېڭى پىرېزىدېنت پېدرو كاستىللو (Pedro Castillo) دەۋرىنىڭ باشلانغانلىقىنى خەۋەر قىلدى.

رۇسيەنىڭ «رىيا نوۋوستى ئاگېنتلىقى» (Ria Novosti)، ئامېرىكا پىرېزىدېنتى جو بايدىننىڭ رۇسىيەنىڭ 2022-يىلى ئۆتكۈزۈلىدىغان كونگرە سايلىمىغا ھازىردىن باشلاپلا ئارىلىشىشقا باشلىغانلىقىنى ئېيتقانلىقىنى خەۋەر قىلدى.

مەزكۇر ئاگېنتلىق يەنە، رۇسىيەلىك سىياسەت ئىلمى تەتقىقاتچىسى دمىترى كورنېيچۇك (Dmitri Korneyçuk) نىڭ «نىيۇس ۋان تېلېۋىزىيەسى»  نىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا، «2-شىمالىي ئېقىم» تۇرۇبا يولىنىڭ ئېچىلىشى بىلەن، ئۇكرائىنانىڭ گاز قىيىنچىلىقىغا دۇچ كېلىدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەنلىكىنى خەۋەر قىلدى.

رۇسىيەدە چىقىدىغان «كوممېرسانت گېزىتى»، رۇسىيەنىڭ مۇز پارچىلاش ۋە قۇتقۇزۇش پاراخوتى «7-ئايسبرېكېر» (Icebreaker) نى ياساش خىزمىتىنى، تۈرك سەفىنە دېڭىزچىلىق، كېمىسازلىق، ساياھەت سانائىتى ۋە سودا چەكلىك شىركىتىنىڭ ئۈستىگە ئالغانلىقىنى خەۋەر قىلدى.

فىرانسىيەنىڭ «لې پارىسىيىن گېزىتى» (Le Parisien)، پىرېزىدېنت ماكروننىڭ خەلققە «ئۆزىڭىز ۋە فىرانسىيە ئۈچۈن ۋاكسىنا ئەملىتىڭ» دېگەنلىكىنى خەۋەر قىلدى.

فىرانسىيەدە چىقىدىغان «لې موندې گېزىتى» (Le Monde)، پارىژدىكى چاۋمېت (Chaumet) ئۈنچە-مەرۋايىت دۇكىنىدىن قىممىتى 2 مىليون ياۋرودىن ئارتۇق مالنىڭ بۇلانغانلىقىنى خەۋەر قىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر