18.05.2021

بۈگۈنكى چەت ئەل مەتبۇئاتلىرىدىن تاللاپ تەييارلىغان خەۋەرلىرىمىزنىڭ قىسقىچە مەزمۇنلىرى تۆۋەندىكىچە:

1641377
18.05.2021

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى: قاتاردا چىقىدىغان «ئەررايە ئەلقاتارىييە گېزىتى»، قاتارنىڭ ئىسىرائىلىيەنىڭ پەلەستىنلىكلەرگە قىلغان ھۇجۇملىرىنى ئاخىرلاشتۇرۇشنى چاقىرىق قىلغانلىقىنى خەۋەر قىلدى.

پەلەستىندە چىقىدىغان «يېڭى ھايات گېزىتى»، دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتىنىڭ «تىببىي ئۇل-ئەسلىھەلەرنى ھەر قانداق شارائىتتا قوغداشنىڭ ۋەزىپە ئىكەنلىكى» توغرىسىدا بايانات ئېلان قىلغانلىقىنى خەۋەر قىلدى.

ئۇمماندا چىقىدىغان «ئەل ۋەتەن گېزىتى»، غەززەنىڭ ئىسىرائىلىيە ھۇجۇملىرىغا قارشىلىق كۆرسىتىۋاتقانلىقىنى ۋە خەلقئارالىق جەمئىيەتتىن ئىسىرائىلىيەگە ئۇرۇش توختىتىشنى چاقىرىق قىلىشنى تەلەپ قىلىۋاتقانلىقىنى خەۋەر قىلدى.

فىرانسىيەدە چىقىدىغان «لې موندې گېزىتى» (Le Monde)، پارىژنىڭ ئافرىقا ئىقتىسادىنىڭ تەرەققىي قىلىشى ئۈچۈن يۇقىرى دەرىجىلىك رەھبەرلەر يىغىنىغا ساھىبخانلىق قىلىدىغانلىقىنى خەۋەر قىلدى.

فىرانسىيەدە چىقىدىغان «لې پارىسىيىن گېزىتى»، (Le Parisien)، سەھىيە مىنىستىرى ئولىۋىيە ۋىغان (Olivier Veran) نىڭ، «سىرتتا ماسكا تاقاش قاچان ئاخىرلىشىدۇ» دېگەن سوئالغا: «پات يېقىندا» دەپ جاۋاب بەرگەنلىكىنى خەۋەر قىلدى.

فىرانسىيەدە چىقىدىغان «لې فىگارو گېزىتى» (Le Figaro)، بىر تەتقىقات نەتىجىسىنىڭ، فايزېر ۋە مودېرنا ۋاكسىنالىرىنىڭ ھازىرمۇ ۋۇخەن ۋىرۇسى (Kovid-19) نىڭ ھىندىستان ۋارىيانتىغا قارشى ئۈنۈمى بارلىقىنى كۆرسەتكەنلىكىنى خەۋەر قىلدى.

گېرمانىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: گېرمانىيە ئىستىخبارات ئىدارىسىنىڭ ئىقتىدارلىق ياشلارنى قولغا كەلتۈرۈش مەقسىتىدە، «ئۈستى يېپىق قۇتا ئوبرازىدىن چىقىپ، سىرتقا ئېچىلىش ئىستراتېگىيەسى» دە يېڭى قەدەم تاشلاپ، ئىنىستىگرامدىن تور بېتى ئاچقانلىقىنى خەۋەر قىلدى.

گېرمانىيەنىڭ «تاگېسشاۋ.دې» تورى (Tagessschau.de)، توكيو ئولىمپىك يىغىنىنىڭ ئۆتكۈزۈلۈشىنى خالىمىغان ياپونىيەلىكلەر سانىنىڭ كۈندىن-كۈنگە كۆپىيىۋاتقانلىقىنى خەۋەر قىلدى.

ئىسپانىيەدە چىقىدىغان «ئېل پائىس گېزىتى» (El País)، ئىسپانىيە باش مىنىستىرى پېدرو سانچېزنىڭ 50 ياشتىن تۆۋەن پۇقرالارنى ئىيۇندا ۋۇخەن ۋىرۇسى ۋاكسىناسى بىلەن ئەملەشنىڭ باشلىنىدىغانلىقى خۇش خەۋىرىنى ئېلان قىلغانلىقىنى خەۋەر قىلدى.

ئىسپانىيەدە چىقىدىغان «لا ۋانگۇاردىيا گېزىتى» (La Vanguardia)، ئىسپانىيەدە بىر ئايدىن كېيىن، سىرتلاردا ماسكا تاقاشنىڭ ئەمەلدىن قېلىشى مۇمكىنلىكىنى خەۋەر قىلدى.

ئارگېنتىنادا چىقىدىغان «ئىنفوبىيە گېزىتى» (Infobae)، چىلىدىكى سايلاملاردا 11 ئايالنىڭ، جىنسىيەت سانىدا باراۋەر بولۇش قانۇنىغا ئاساسەن قولغا كەلتۈرگەن ئورنىنى ئەرلەرگە بوشىتىپ بېرىشكە مەجبۇر بولغانلىقىنى خەۋەر قىلدى.

رۇسىيەنىڭ «رىيا نوۋوستى ئاگېنتلىقى» (RİA Novosti)، فىنلاندىيەنىڭ قايتا پايدىلانغىلى بولىدىغان ئېنېرگىيە پىلانى سەۋەبىدىن رۇسىيەدىن نېفىت ئىمپورتىنى ئازايتىدىغانلىقىنى خەۋەر قىلدى.

رۇسىيەنىڭ «ر ب ك خەۋەرلەر تورى» (RBK)، رۇسىيە پىرېزىدېنتى ۋلادىمىر پۇتىن بىلەن خىتاي رەئىسى شى جىنپىڭنىڭ ئورتاق يادرو ئېلېكتىر ئىستانسىسى لايىھەسىنى باشلايدىغانلىقىنى خەۋەر قىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر