17.05.2021

بۈگۈنكى چەت ئەل مەتبۇئاتلىرىدىن تاللاپ تەييارلىغان خەۋەرلىرىمىزنىڭ قىسقىچە مەزمۇنلىرى تۆۋەندىكىچە:

1640769
17.05.2021

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى: قاتاردا چىقىدىغان «ئەررايە ئەلقاتارىييە» گېزىتى، تۈركىيە بۈيۈك مىللەت مەجلىسى (پارلامېنتى) باشلىقى مۇستاپا شەنتوپنىڭ قاتار شۇراسى باشلىقى ئەھمەد ئەلمەھمۇد بىلەن ئىسرائىلىيەنىڭ غەززەگە قىلغان ھۇجۇمى توغرىسىدا سۆزلەشكەنلىكىنى خەۋەر قىلدى.

پەلەستىن — ئىيوردان دەرياسىنىڭ غەربىي قىرغىقىدا نەشر قىلىنىدىغان «ئەلھايات ئەلجەدىيدە» گېزىتى، ئىشغالچى ئىسرائىلىيە كۈچلىرىنىڭ غەززەنىڭ ئەلۋىھدە كوچىسىدا سادىر قىلغان قەتلىئامىدا شېھىت بولغانلار سانىنىڭ 37 گە يەتكەنلىكىنى خەۋەر قىلدى.

ئوماندا چىقىدىغان «ۋەتەن» گېزىتى، ئىشغالىيەتچى ئىسرائىلىيەنىڭ پەلەستىن زېمىنلىرىدىكى ھۇجۇملىرىدا نەچچە ئون كىشىنىڭ شېھىت بولغانلىقىنى، پەلەستىنلىك قارشىلىق كۆرسەتكۈچىلەنىڭ ئىسرائىلىيەگە باشقۇرۇلىدىغان بومبىلار ئارقىلىق جاۋاب قايتۇرغانلىقىنى يازدى.

گېرمانىيە ئاۋازى رادىيوسى، گېرمانىيە دائىمىي ۋاكسىنا ئەملەش كومىتېتىنىڭ،  كېلەر يىلىمۇ ۋۇخەن ۋىرۇسى (كوۋىد – 19) ۋاكسىنىسى ئەملەشنىڭ شەرت ئىكەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويغانلىقىنى ئاڭلىغۇچىلىرىنىڭ دىققىىتىگە سۇندى.

گېرمانىيەنىڭ «زۈددۇتچ زېيتۇڭ» گېزىتى، ياۋروپا ئىتتىپاقىغا ئەزا دۆلەتلەرنىڭ تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىرىنىڭ پەلەستىن - ئىسرائىلىيە جىددىيلىكىنى مۇزاكىرە قىلىدىغانلىقىنى خەۋەر قىلدى.

گېرمانىيەنىڭ «شپىئېگېل.دې» تورى، بايرېن مىيۇنخېن كوماندىسىنىڭ 32 ياشلىق پولشالىق ھۇجۇمچىسى روبېرت لېۋاندوۋىسكىنىڭ بۇ مۇسابىقە پەسلىدە كىرگۈزگەن 40 توپى بىلەن گېرد مۇللېرنىڭ بىر مۇسابىقە پەسلىدىكى (1971 - 1972) ئەڭ كۆپ توپ كىرگۈزۈش رېكورتىنى بۇزۇپ تاشلىغانلىقى توغرىسىدىكى ئۇچۇرلارنى ئوقۇرمەنلىرىنىڭ دىققىتىگە سۇندى.

فىرانسىيەنىڭ «لې فىگارو» گېزىتى، فىرانسىيەدە يۇقۇم سەۋەبىدىن قازا قىلغانلار سانىنىڭ بۇ يىل تۇنجى قېتىم 100 نىڭ ئاستىغا تۆۋەنلىگەنلىكىنى يازدى.

فىرانسىيەنىڭ «لې موندې» گېزىتى، ئەنگىلىيەدە 20 مىليونغا يېقىن ئادەمگە ۋاكسىنا ئەملەنگەنلىكى، بۇ سەۋەبتىن ئالجىرىيەنىڭ چېگراسىنى قىسمەن ئېچىۋېتىلىدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى.

فىرانسىيەنىڭ «فىرانس-24» خەۋەرلەر قانىلى، فىرانسىيەدە ئۆتكۈزۈلگەن پەلەستىننى قوللاش نامايىشىغا مىڭلاچە كىشىنىڭ قاتناشقانلىقى توغرىسىدىكى ئۇچۇرلارنى كۆرۈرمەنلىرى بىلەن ئورتاقلاشتى.

رۇسىيەنىڭ «كوممېرسانت» گېزىتى، ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ئانتونى بلىنكېننىڭ رۇسىيەلىك مەنسەپدىشى سېرگېي لاۋروۋ بىلەن «شىمالىي ئېقىن -2» (رۇس تەبىئىي گازىنى گېرمانىيەگە يەتكۈزىدىغان) تورۇبا لىنىيەسى توغرىسىدا كۆرۈشۈشنى پىلانلاۋاتقانلىقىنى يازدى.

رۇسىيەنىڭ «تاسس» خەۋەر ئاگېنتلىقى، ئامېرىكا باش كونسۇلى ئەمىي ستوروۋنىڭ رۇسىيەدىكى خىزمەت ئورنى بولغان يېكاتېرىنبۇرگ شەھىرىدىن ئايرىلغانلىقى توغرىسىدىكى ئۇچۇرلارنى ئوقۇرمەنلىرىنىڭ دىققىتىگە سۇندى.

رۇسىيەنىڭ «تاسس» خەۋەر ئاگېنتلىقى، بېلارۇسىيە ئارمىيەسى مۇئاۋىن باش ئىشتاب باشلىقى ئىگور كورولنىڭ بايانات بېرىپ، يېقىندىن بۇيان  شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى — ناتو بومباردىمانچى ئايروپىلانلىرىنىڭ رايون ئاسمىنىدىن نۇرغۇن قېتىم ئۇچۇپ ئۆتۈپ، كۈچ كۆرسەتكەنلىكىنى، ناتونىڭ بېلارۇسىيە ۋە رۇسىيەگە ھاۋا ھۇجۇم قىلىشنى پىلانلاۋاتقان بولۇشىنىڭ مۇمكىنلىكىنى ئېيتقانلىقىنى خەۋەر قىلدى.

ئارگېنتىنانىڭ «ئىنفوبىيا» ناملىق خەۋەرلەر تورى، رىم پاپاسى فىرانسىسكو (كاتولىك دۇنياسىنىڭ مەنىۋى داھىيسى)نىڭ ئىسرائىلىيە بىلەن پەلەستىن ئوتتۇرىسىدىكى زوراۋانلىقنىڭ كۈچىيىشىنىڭ ئۆلۈم ۋە بۇزغۇنچىلىق دولقۇنى پەيدا قىلىش مۇمكىنچىلىكى بارلىقىنى ئېيتىپ ئاگاھلاندۇرغانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى.

ئىسپانىيەنىڭ «El Confidencial» تورى، چىلى سايلىمدا مۇستەقىللىق تەرەپدارلىرى بىلەن ئۆكتىچىلەرنىڭ %80 كۆپ سانلىقىنى قولغا كەلتۈرگەنلىكىنى خەۋەر قىلدى.

ئارگېنتىنانىڭ «ئېل كلارېن» گېزىتى، ئارگېنتىنا پىرېزىدېنتى ئالبېرتو فېرناندېزنىڭ: «مەن خەلقئارا پۇل فوندى تەشكىلاتى بىلەن بالدۇرراق كېلىشىم ھاسىل قىلىشنى خالايمەن، مەسىلە ئۇنىڭ قانداق بولىدىغانلىقىدا» دېگەن سۆزلىرىنى ئوقۇرمەنلىرى بىلەن ئورتاقلاشتى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر