11.05.2021

بۈگۈنكى چەت ئەل مەتبۇئاتلىرىدىن تاللاپ تەييارلىغان خەۋەرلىرىمىزنىڭ قىسقىچە مەزمۇنلىرى تۆۋەندىكىچە:

1637913
11.05.2021

تۈركىيە  ئاۋازى رادىيوسى: فىرانسىيەنىڭ «فىرانس-24» خەۋەرلەر قانىلى، فىرانسىيە باش مىنىستىرى ژان كاستېكىسنىڭ، فىرانسىيەنىڭ كوۋىد – 19 پەيدا قىلغان ساغلاملىق كىرىزىسىدىن «چىقىۋاتقان»لىقىنى ئىلگىرى سۈرگەنلىكىنى كۆرۈرمەنلىرى بىلەن ئورتاقلاشتى.

فىرانسىيەنىڭ «لې موندې» گېزىتى، فىرانسىيە سەھىيە مىنىستىرى ئولىۋىيېر ۋېراننىڭ، كوۋىد – 19 يۇقۇمى سەۋەبىدىن تاقىۋتىلگەن قەھۋەخانا ۋە رېستورانلارنىڭ 5- ئاينىڭ 19- كۈنى قايتىدىن ئېچىلىدىغانلىقىنى تەكىتلىگەنلىكى توغرىسىدىكى ئۇچۇرلارنى ئوقۇرمەنلىرىنىڭ دىققىتىگە سۇندى.

فىرانسىيەنىڭ «لې پارىسىئېن» گېزىتى، فىرانسىيە باش مىنىستىرى ژان كاستېكىسنىڭ، ساقچى ياكى ژاندارمىلارغا ھۇجۇم قىلغانلارغا تېخىمۇ ئېغىر جازا بېرىلىدىغانلىقىنى ئۇقتۇرغانلىقىنى خەۋەر قىلدى.

گېرمانىيە ئاۋازى رادىيوسى، تۈركىيە بۈيۈك مىللەت مەجلىسى (پارلامېنتى) دىكى بەش پارتىيەنىڭ، ئىسرائىلىيەنىڭ مەسجىدى ئەقساغا قاراتقان قىلمىشلىرىنى بىرلەشمە بايانات ئېلان قىلىپ ئەيىبلىگەنلىكى ۋە خەلقئارا جىنايى ئىشلار سوت مەھكىمىسىنى ھەرىكەتكە ئۆتۈشكە چاقىرغانلىقى  توغرىسىدىكى ئۇچۇرلارنى ئاڭلىغۇچىلىرىنىڭ دىققىتىگە سۇندى.

گېرمانىيەنىڭ «شپىئېگېل.دې» تورى، دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتىنىڭ بايانات ئېلان قىلىپ، «كوۋىد – 19 ھىندىستان ۋارىيانتىنىڭ ئادەمنى ئەندىشىگە سالىدىغانلىقى»نى ئۇقتۇرغانلىقىنى يازدى.

گېرمانىيەنىڭ «بىلد.دې» گېزىتى، گېرمانىيە ئىچكى ئىشلار مىنىستىرى خورست شىخوفېرنىڭ يۇقۇمغا دۇچار بولغانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى.

ئىسپانىيەنىڭ «ئېل پائىس» گېزىتى، ئىسپانىيە ئىقتىسادىنىڭ كوۋىد – 19 كىرىزىسىدىن كېيىن قايتىدىن جانلىنىشقا باشلىغانلىقىنى خەۋەر قىلدى.

مېكسىكانىڭ «ئېل ئۇنىۋېرسال» گېزىتى، «كوۋىد – 19نىڭ ئەڭ ئېغىر زەربىسىگە ئۇچرىغان رايون بولغان لاتىن ئامېرىكاسىدا قانداق خاتالىقلار سادىر قىلىنغان بولۇشى مۇمكىن» دېگەن تېمىدا ئانالىز ماقالىسى ئېلان قىلدى.

ۋېنېزۇئېلادا چىقىدىغان «تېلېسۇر» گېزىتى، ۋېنېزۇئېلانىڭ ئىسرائىلىيەنىڭ پەلەستىنگە قىلغان ھۇجۇمىنى ئەيىبلىگەنلىكىنى يازدى.

ئىيوردانىيەدە چىقىدىغان «ئەددۇستۇر» گېزىتى، ئىيوردانىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ئەيمەن سەفەدىنىڭ ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ئانتونى بلىنكېن بىلەن ئۆتكۈزگەن تېلېفون سۆھبىتى جەريانىدا «قۇددۇس ئاساسلىق، شۇنداقلا ھەل قىلغۇچ بىر مەسىلە، يۈز بېرىۋاتقان ئىشلار (ئىسرائىلىيەنىڭ ھۇجۇملىرى) توختىتىلىشى كېرەك» دېگەنلەرنى ئوتتۇرىغا قويغانلىقىنى خەۋەر قىلدى.

قاتارنىڭ «ئەلجەزىرە» قانىلى، ئىسرائىلىيە ئىشغالچى قىسىملىرىنىڭ مەسجىدى ئەقساغا قايتىدىن ھۇجۇم قىلىۋاتقان ۋە ھۇجۇملاردا ئادەم ئۆلۈش ئەھۋاللىرىنىڭ كۆرۈلۈۋاتقانلىقى، قۇرئان كەرىمنىڭ كۆيدۈرۈلگەنلىكى ۋە جامەلەرگە ئوت قويۇپ بېرىلىۋاتقانلىقى توغرىسىدىكى ئۇچۇرلارنى كۆرۈرمەنلىرىنىڭ دىققىتىگە سۇندى.

لوندوندا ئەرەبچە ۋە ئىنگلىزچە نەشر قىلىنىدىغان «ئەلقۇددۇس ئەلئەرەبى» گېزىتى، پەلەستىن پىرېزىدېنتلىق مەھكىمىسىنىڭ  (جىددىيچىلىكنىڭ) جاۋابكارىنىڭ ئىسرائىلىيە ئىكەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويغانلىقىنى، جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغاننىڭ ئىسرائىلىيەنىڭ ھۇجۇملىرىنى توختىتىش ئۈچۈن ئەرەب ئەللىرىنىڭ باشلىقلىرى بىلەن كۆرۈشۈۋاتقانلىقىنى يازدى.

رۇسىيەنىڭ «رېگنۇم» ئاگېنتلىقى، رۇسىيە مەركىزىي بانكىسىنىڭ، تور ھۇجۇمى نەتىجىسىدە پۇلىدىن ئايرىلىپ قالغان بانكا خېرىدارلىرىغا ئامانەت پۇلىنى قايتۇرۇش ئۈچۈن ئاددىيلاشتۇرۇلغان بىر سىستېمىنىڭ يولغا قويۇلۇشىنى تەۋسىيە قىلغانلىقىنى خەۋەر قىلدى.

رۇسىيەنىڭ «لېنتا.رۇ» خەۋەرلەر تورى، رۇسىيە دۆلەت بىخەتەرلىك كېڭىشىنىڭ مۇئاۋىن كاتىپى يۇرى ئاۋېريانوفنىڭ، ئامېرىكانىڭ باشقا دۆلەتلەرنى بىيولوگىيەلىك قورال ئىشلەپچىقىرىشقا ئىلھاملاندۇرۇۋاتقانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەنلىكىنى ئوقۇرمەنلىرى بىلەن ئورتاقلاشتى.

رۇسىيەنىڭ «گازاتە.رۇ» تورى، ئامېرىكا پىرېزىدېنتى جو بايدىننىڭ، ئامېرىكانىڭ ئەڭ چوڭ نېفىت ئېكسپورت قىلغۇچى شىركىتى — Colonial Pipeline  نىڭ سىستېمىسىغا قىلىنغان تور ھۇجۇمىدا رۇسىيەنىڭ جاۋابكارلىقى بارلىقىنى ئىسپاتلايدىغان ھېچقانداق پاكىت يوقلۇقىنى ئېيتقانلىقى توغرىسىدىكى ئۇچۇرلارنى ئوقۇرمەنلىرىنىڭ دىققىتىگە سۇندى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر