06.05.2021

بۈگۈنكى چەت ئەل مەتبۇئاتلىرىدىن تاللاپ تەييارلىغان قىسقىچە خەۋەرلىرىمىز تۆۋەندىكىچە:

1635228
06.05.2021

گېرمانىيەنىڭ «‹Zdf.de› خەۋەرلەر تورى»، گېرمانىيەدىكى يۇقۇم تەدبىرلىرى سەۋەبىدىن دەرسلىرىدە چېكىنىپ كەتكەن ئوقۇغۇچىلارغا ياردەم بېرىش ئۈچۈن تەييارلانغان 2 مىليارد ياۋرولۇق ياردەم پىلانىنىڭ مىنىستىرلار كېڭىشى تەرىپىدىن قوبۇل قىلىنغانلىقى خەۋەر قىلدى.

گېرمانىيەدە چىقىدىغان «‹Suddeutsche Zeitung› گېزىتى»،  ئىجتىمائىي تاراتقۇ بېكىتى فېيسبۇكنىڭ سابىق ئامېرىكا پىرېزىدېنتى دونالد ترامپنىڭ ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىسىغا كىرىشىنى چەكلەشنى داۋاملاشتۇرۇش قارارى ئالغانلىقىنى خەۋەر قىلدى.

گېرمانىيەنىڭ «‹Welt.de› خەۋەرلەر تورى»، ياۋروپا ئىتتىپاقى پۇقرالىرىنىڭ تۆتتىن بىر قىسىمىغا تۇنجى قېتىملىق ۋاكسىنا ئەملىنىپ بولغانلىقىنى خەۋەر قىلدى.

فىرانسىيەدە چىقىدىغان «‹لې موندې›  گېزىتى»، فىرانسىيەنىڭ مېرنىگناك كوچىسىنىڭ ئوتتۇرىسىدا جىنايەتچى ئېرى تەرىپىدىن تىرىك كۆيدۈرۈۋىتىلگەن ئايالنىڭ قازا قىلغانلىقىنى خەۋەر قىلدى.

«‹France 24› تېلېۋىزىيە قانىلى»،  (فىرانسىيەلىك ئەسكەر ۋە سىياسىئون) ناپالېئوننىڭ ۋاپات بولغانلىقىنىڭ 200 - يىللىقى خاتىرلەش مۇناسىۋىتى بىلەن فىرانسىيە پىرېزىدېنتى ئېممانۇئېل ماكروننىڭ «ناپالېئون بىزنىڭ بىر پارچىمىزدۇر» دېگەنلىكىنى خەۋەر قىلدى.

فىرانسىيەدە چىقىدىغان «‹لې پارىسېن›  گېزىتى»، فرانسىيەنىڭ ئاۋىگونون شەھىرىدە زەھەرلىك چېكىملىككە قارشى ​​ھەرىكەت جەريانىدا بىر ساقچىنىڭ ئېتىپ ئۆلتۈرۈلگەنلىكىنى خەۋەر قىلدى.

ئەرەب ۋە ئىنگىلىز تىللىرىدا چىقىدىغان «‹ئەلقۇدسۇل ئەرەبى› گېزىتى»، ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ ئىشغالىيەتچى ئىسرائىلىيەدىن قانۇنسىز ئولتۇراق رايونلىرىنى كېڭەيتىشنى توختىتىشىنى تەلەپ قىلغانلىقىنى خەۋەر قىلدى.

ئوخشاش گېزىت يەنە، لىۋىيەنىڭ شەرقىي قىسمىدىن بىر ھەيئەتنىڭ پايتەخت تىرىپولىنى زىيارەت قىلغانلىقىنى ۋە لىۋىيە باش مىنىستىرى ئابدۇلھەمىد دىبەيبەدىن بېنغازى زىيارىتىنى تېزلىتىشنى تەلەپ قىلغانلىقىنى خەۋەر قىلدى.

قاتارنىڭ «ئەلجەزىرە تېلېۋىزىيە قانىلى»، دىپلوماتىك مەنبەلەرنىڭ «تېھران بىلەن ئامېرىكا ئوتتۇرىسىدىكى غايەت زور پىكىر ئوخشىماسلىقى ۋىيانا مۇزاكىرىلىرىنىڭ ئىلگىرىلىشىنى توختىتىپ قويدى» دېگەنلىكىنى خەۋەر قىلدى

ئىسپانىيەدە چىقىدىغان «‹El Pais› گېزىتى» ىنىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا،  مادرىدنىڭ ئاپتونومىيە ھۆكۈمىتىدە 4-ماي سەيشەنبە كۈنى ئۆتكۈزۈلگەن مۇددەتتىن ئىلگىرىكى پارلامېنت ئەزالىرى سايلىمىدا سولچى پارتىيەلەر مەغلۇپ بولغان. بۇنىڭغا قارتا ئىسپانىيە سوتسىيالىستىك ئىشچىلار پارتىيىسى (PSOE) نىڭ بىر قىسىم پارلامېنت ئەزالىرى ئىقتىسادنىڭ ئەسلىگە كېلىشىگە ئىشىنىدىغانلىقىنى ۋە بۇنىڭ سايلامدىكى سەلبىي ۋەزىيەتنى ئۆزگەرتىشى مۇمكىنلىكىنى ئېيتقان.

ئىسپانىيەدە چىقىدىغان «‹El Mundo› گېزىتى»، پودېموس پارتىيىەسى رەھبىرى پابلو ئىگلېئاسياس سىياسەتتىن ئايرىلغاندىن كېيىن، پارتىيەنىڭ يېڭى رەھبىرى ئەمگەك مىنىستىرى يۆلەندا دىئاز بولۇپ قېلىشى مۇمكىنلىكىنى خەۋەر قىلدى.

ۋېنېزۇئېلادا چىقىدىغان «‹TeleSur› گېزىتى»، كولۇمبىيەدە بىخەتەرلىك قىسىملىرى بىلەن نامايىشچىلار ئوتتۇرىسىدا، توقۇشلارغا تولغان يەنە بىر كېچە بولغانلىقىنى ۋە پېرېيرا شەھىرىدە ئىككى نامايىشچىنىڭ قازا قىلغانلىقىنى خەۋەر قىلدى.

رۇسىيەنىڭ «<Lenta.ru> خەۋەرلەر تورى»،  ئۇكرائىنانىڭ رۇسىيەنى بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى سۇپىسىنى سۇيىئىستېمال قىلىش بىلەن ئەيىبلىگەنلىكىنى خەۋەر قىلدى.

رۇسىيەنىڭ «‹TASS› ئاگېنتلىقى، مودېرنا ۋاكسىنىسىنىڭ دۇنيا ۋاكسىنا قۇرۇلتىيىدا ئەڭ ياخشى كوۋىد-19 ۋاكسىنىسى بولۇپ تاللانغانلىقىنى خەۋەر قىلدى.

رۇسىيەنىڭ «‹Ria.ru› خەۋەرلەر تورى»، ئامېرىكا مۇتەخەسسىسلىرىنىڭ ئامېرىكا پىرېزىدېنتى جو بايدىن بىلەن رۇسىيە پىرېزىدېنتى ۋىلادىمىر پۇتىننىڭ ئۇچرىشىشىنىڭ چېخ، ئىسلاندىيە، سلوۋېنىيە ياكى ئەزەربەيجاننىڭ پايتەختلىرىدىن بىرسىدە ئۆتكۈزۈلىشى مۇمكىنلىكىنى خەۋەر قىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر