13.04.2021

بۈگۈنكى چەت ئەل مەتبۇئاتلىرىدىن تاللاپ تەييارلىغان خەۋەرلىرىمىزنىڭ قىسقىچە مەزمۇنلىرى تۆۋەندىكىچە:

1620267
13.04.2021

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى: ئەلجەزىرە تېلېۋىزىيەسى، تۈركىيەنىڭ لىۋىيە باش مىنىستىرى ئابدۇلھامىد دىبەيبە بىلەن بەزى كېلىشىملەرنى ئىمزالىغانلىقىنى خەۋەر قىلدى.

خەۋەردە، تۈركىيە جۇمھۇر رەئىسى رەجەپ تاييىپ ئەردوغاننىڭ مىللىي بىرلەشمە ھۆكۈمىتىنىڭ ھوقۇقى ۋە ئىگىلىك ھوقۇقىنىڭ پۈتكۈل دۆلەتكە كېڭىيىشىنى تەلەپ قىلغانلىقى بىلدۈرۈلدى.

«ئەلقۇددۇس ئەلئەرەبى گېزىتى»، خىمىيەلىك قوراللارنى چەكلەش تەشكىلاتىنىڭ 2018-يىلى سۈرىيە ھاكىمىيىتىنىڭ بىر تىك ئۇچارىنىڭ ساراقىبقا خلور گازى بىلەن ھۇجۇم قىلغانلىقىنى بىلدۈرگەنلىكىنى خەۋەر قىلدى.

 «ئەررايە ئەلقاتارىييە گېزىتى»، قاتار قىزىلئاي جەمئىيىتىنىڭ 20 دۆلەتتە مۇساپىرلار، يۇرت-ماكانلىرىدىن مەجبۇرىي ئايرىلغان كىشىلەر ۋە كۆچمەنلەرنى ۋۇخەن ۋىرۇسى (Kovid-19) ۋاكسىناسى بىلەن تەمىنلەشنى كاپالەت ئاستىغا ئېلىش مەقسىتىدە، خەلقئارالىق سەپەرۋەرلىك پائالىيىتى باشلايدىغانلىقىنى خەۋەر قىلدى.

فىرانسىيەدە چىقىدىغان «لې فىگارو گېزىتى» (Le Figaro)، ۋابانىڭ كۆلەڭگىسىدە ئىككىنچى رامىزاننىڭ باشلانغانلىقىنى ۋە ياۋروپادا ۋابانىڭ 1 مىليون كىشىنىڭ ئۆلۈمىگە سەۋەب بولغانلىقىنى خەۋەر قىلدى.

«24-فرانس» قانىلى، فىرانسىيەدە 55 ياشتىن يۇقىرى كىشىلەرنى ئەملەش ئىشلىرىنىڭ دۈشەنبە (2021-يىلى 19-ئاپرېل) كۈنىدىن تارتىپ باشلىنىدىغانلىقىنى خەۋەر قىلدى.

گېرمانىيە ئاۋازى رادىيوسى، گېرمانىيە باش مىنىستىرى ئانگېلا مېركېلنىڭ رامىزان ئېيى مۇناسىۋىتى بىلەن تەبرىك تېلېگراممىسى ئېلان قىلغانلىقىنى خەۋەر قىلدى.

خەۋەردە، ئانگېلا مېركېلنىڭ مۇسۇلمانلارغا قارىتىپ، «مۇبارەك رامىزان ئېيىدا سىلەر ۋە ئائىلىلىرىڭلارنىڭ خاتىرجەم، بەرىكەتلىك ۋاقىت كەچۈرۈشۈڭلارنى تىلەيمەن» دېگەنلىكى قەيت قىلىندى.

گېرمانىيەنىڭ «ن ت ۋ» قانىلى، ياۋروپا كومىتېتىنىڭ باشلىقى ئۇرسۇلا فوندېر لىيېننىڭ، ياۋروپا كېڭىشىنىڭ باشلىقى چارلىز مىشېل بىلەن باشتىن كەچۈرگەن «ئورۇندۇق كىرىزىسى» نىڭ قايتا يۈز بېرىشىگە قەتئىي رۇخسەت قىلمايدىغانلىقىنى ئېيتقانلىقىنى خەۋەر قىلدى.

ئىسپانىيەدە چىقىدىغان «ئېل پائىس گېزىتى» (El Pais)، ئىسپانىيەنىڭ ۋۇخەن ۋىرۇسى ۋاباسىنىڭ تۆتىنچى دولقۇنىنى باشتىن كەچۈرۈۋاتقانلىقىنى خەۋەر قىلدى .

ئىسپانىيەدە چىقىدىغان «ئېل مۇندو گېزىتى» (El Mundo)، جەمئىيەتتە ئەنسىرەش پەيدا قىلغان ئاسترازېنېكا ۋاكسىناسىنىڭ بىر قوللانما بىلەن بىرلىكتە پەقەت ئۆزى خالىغان كىشىلەرگىلا ئەملىنىدىغانلىقىنى خەۋەر قىلدى.

ۋېنېزۇئېلادا چىقىدىغان «ئېل ناسىيونال گېزىتى» (El Nacional)، ۋېنېزۇئېلالىقلارنىڭ مېكسىكاغا كۆچۈشنى ئەڭ كۆپ خالايدىغان لاتىن ئامېرىكالىقلار ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىدىغان بىر تەكشۈرۈش دوكلاتىنىڭ ئېلان قىلىنغانلىقىنى خەۋەر قىلدى.

رۇسىيەنىڭ «رىيا نوۋوستى ئاگېنتلىقى» ( NovostiRİA)، كرېمىل سارىيى باياناتچىسى دمىترى پېسكوۋنىڭ، تۈركىيە بىلەن ئاۋىياتسىيە قاتنىشىغا چەكلىمە قويۇشنىڭ، ئۇكرائىنا پىرېزىدېنتى زېلېنسكىينىڭ ئىستانبۇل زىيارىتى بىلەن مۇناسىۋىتىنىڭ يوقلۇقىنى ئېيتقانلىقىنى خەۋەر قىلدى.

رۇسىيەنىڭ «لېنتا.رۇ» تورى (Lenta.ru)، رۇسىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى سېرگېي لاۋروۋنىڭ، رۇسىيەنىڭ غەرب كونترول قىلىۋاتقان خەلقئارالىق ھەق تۆلەش سىستېمىلىرىدىن ۋاز كېچىش ئۈستىدە ئىزدىنىۋاتقانلىقىنى ئېيتقانلىقىنى خەۋەر قىلدى.

رۇسىيەنىڭ «تاس ئاگېنتلىقى» (TASS)، ئۇكرائىنا ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇكرائىناغا ئامېرىكانىڭ «ۋەتەنپەرۋەر» ناملىق باشقۇرۇلىدىغان بومبا قالقان سىستېمىسى ئورۇنلاشتۇرۇلۇشى كېرەك، دەپ قارايدىغانلىقىنى خەۋەر قىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر