08.04.2021

بۈگۈنكى چەت ئەل مەتبۇئاتلىرىدىن تاللاپ تەييارلىغان قىسقىچە خەۋەرلىرىمىز تۆۋەندىكىچە:

1617202
08.04.2021

 گېرمانىيەنىڭ «‹Bild.de› خەۋەرلەر تورى»،  18 ياشلىق گېرمانىيەلىك ئۆسمۈر كېۋىن داۋىد لېخماننىڭ 3 مىليارد 500 مىليون دوللارلىق بايلىقى بىلەن دۇنيادىكى ئەڭ باي كىشىلەر قاتارىدىن ئورۇن ئالغانلىقىنى خەۋەر قىلدى.

گېرمانىيەنىڭ ‹Spiegel.de› خەۋەرلەر تورى»، مۇتەخەسسىسلەرنىڭ يۇقۇملارنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن سانلىق مەلۇمات ئامبىرى ياساپ چىققانلىقىنى خەۋەر قىلدى.

ئىسپانىيەدە چىقىدىغان «‹El Pais› گېزىتى»،  ئىسپانىيە سەھىيە مىنىستىرلىقى ۋە ئۆلكىلەرنىڭ 60 ياشتىن تۆۋەنلەرگە «AstraZeneca» ۋاكسىنىسى ئەملەشنى ئەمەلدىن قالدۇرۇشقا قوشۇلغانلىقىنى خەۋەر قىلدى.

ئىسپانىيەدە چىقىدىغان «‹La Vanguardia› گېزىتى»، ئىسپانىيە باش مىنىستىرى پېدرو سانچېزنىڭ يېڭى ئافرىقا ھەرىكەت پىلانى دائىرىسىدە ئانگولا ۋە سېنېگالنى زىيارەت قىلىۋاتقانلىقىنى خەۋەر قىلدى.

ئارگېنتىنادا چىقىدىغان «‹ Infobae › گېزىتى»، ئارگېنتىنا ھۆكۈمىتىنىڭ كوۋىد-19 يۇقۇمىغا قارشى يېڭى تەدبىرلىرى دائىرىسىدە، ئىجتىمائىي پائالىيەتلەرنى توختىتىش، رېستوران ۋە قاۋاقخانىلارنى تاقاش ۋە كوچىغا چىقىشنى چەكلەشنى يولغا قويغانلىقىنى خەۋەر قىلدى.

«‹ئەلقۇدسۇل ئەرەبى› گېزىتى»، ئامېرىكانىڭ پەلەستىنلىكلەرگە ياردەم قىلىشنى داۋاملاشتۇرۇش قارارى دائىرىسىدە، 235 مىليون دوللار ئاجراتقانلىقىنى خەۋەر قىلدى.

قاتارنىڭ «ئەلجەزىرە تېلېۋىزىيە قانىلى»، ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ «بىز ئىرانغا قاراتقان ئېمبارگولارنى بېكار قىلىشقا تەييارمىز، ئەمما (ۋيېنادىكى) يادرو مۇزاكىلىرى تەسكە توختايدۇ» دېگەنلىكىنى خەۋەر قىلدى.

ئىيوردانىيەدە چىقىدىغان «‹ئەددۇستۇر› گېزىتى»، كوۋىد-19 يۇقۇمىنىڭ دۇنيا مىقياسىدا 3 مىليون 500 مىڭ كىشىنىڭ جېنىغا زامىن بولغانلىقىنى ۋە ياۋروپا شۇنداقلا بىرازىلىيەدە يۇقۇمنىڭ  تېخىمۇ ئېغىرلاشقانلىقىنى خەۋەر قىلدى.

بېلگىيەدە چىقىدىغان «‹لې سوئېر›  گېزىتى»،  «بېلگىيە قارار ماقۇللىدى؛ ئاسترازېنېكا ۋاكسىنىسى 55 ياشتىن يۇقىرى كىشىلەرگە ئەملىنىدۇ» سەرلەۋھىلىك خەۋەر ئېلان قىلدى.

فىرانسىيەنىڭ «‹France 24› تېلېۋىزىيە قانىلى»، فىرانسىيەنىڭ «Pfizer / BioNTech» ۋاكسىنىسىنى ئىشلەپچىقىرىشنى رەسمىي باشلىغانلىقىنى خەۋەر قىلدى.

«‹France 24› تېلېۋىزىيە قانىلى» يەنە، خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتىنىڭ (كوۋىد-19) ۋاكسىنالىرىنى باي دۆلەتلەرنىڭ مونوپول قىلىۋالغانلىقىنى ئەيىبلىگەنلىكىنى خەۋەر قىلدى.

رۇسىيەنىڭ «كوممېرسانت گېزىتى»،  رۇسىيەدە 2021-يىلىنىڭ بىرىنچى پەسىلدە خۇسۇسىي ساھەدىكى ۋەيران بولۇش نىسبىتىنىڭ % 81.5 ئاشقانلىقىنى خەۋەر قىلدى.

رۇسىيەنىڭ «‹Gazeta.ru› خەۋەرلەر تورى»، ئادىل رۇسىيە پارتىيەسىنىڭ پىنسىيەگە چىقىش يېشىنىڭ تۆۋەنلىتىلىشىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان قانۇن لايىھىسىنى پارلامېنتنىڭ تۆۋەن پالاتاسى دۇماغا سۇنغانلىقىنى خەۋەر قىلدى.

رۇسىيەنىڭ «‹RIA Novosti› ئاگېنتلىقى»، رۇسىيە بىخەتەرلىك كېڭىشى كاتىپى نىكولاي پاتروشېۋنىڭ ئامېرىكىنى رۇسىيە چېگرىسىغا يېقىن بىئولوگىيىلىك ئورۇنلاردا بىئولوگىيىلىك قورال ياساش بىلەن ئەيىبلىگەنلىكىنى خەۋەر قىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر