02.04.2021

بۈگۈنكى چەت ئەل مەتبۇئاتلىرىدىن تاللاپ تەييارلىغان خەۋەرلىرىمىزنىڭ قىسقىچە مەزمۇنلىرى تۆۋەندىكىچە:

1613524
02.04.2021

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى: فىرانسىيەنىڭ «لې موندې» گېزىتى، فىرانسىيەنىڭ ئۈچىنچى كوۋىد – 19 كارانتىن دەۋرىگە قەدەم قويغانلىقىنى، ئىقتىسادنىڭ يەنە بىر زەربىگە ئۇچرىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى.

شىۋېيتسارىيەنىڭ «لې تېمپس» گېزىتى، شىۋېيتسارىيەدە ۋۇخەن ۋىرۇسى (كوۋىد – 19) نىڭ بىر ھەپتە ئىچىدە %20 ئېشىپ كەتكەنلىكى توغرىسىدىكى ئۇچۇرلارنى ئوقۇرمەنلىرىنىڭ دىققىتىگە سۇندى.

فىرانسىيەنىڭ «فىرانس-24» خەۋەرلەر قانىلى، فىرانسىيە پارلامېنتىنىڭ پىرېزىدېنت ئېمانۇئېل ماكرون ئېلان قىلغان كوۋىد – 19 يېڭى تەدبىرلىرىنى تەستىقلىغانلىقى توغرىسىدىكى مەلۇماتلارنى كۆرۈرمەنلىرى بىلەن ئورتاقلاشتى.

Wirtschaftswoche گېزىتى، روبېرت كوچ ئىنستىتۇتىنىڭ، كوۋىد – 19  ئەنگلىيە تۈرىنىڭ نىسبىتىنىڭ %90 كە يەتكەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويغانلىقىنى يازدى.

ئاۋسترىيەدە چىقىدىغان «Die Presse» گېزىتى، ئافرىقادا 40 قا يېقىن ئۆزگىرىش ھاسىل قىلغان ۋۇخەن ۋىرۇسى تۈرىنىڭ بايقالغانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى.

گېرمانىيەنىڭ «فىرانكفورتېر ئالگېمېين زېيىتۇڭ» گېزىتى، باش مىنىستىر ئانگېلا مېركېلنىڭ پۇقرالارنى پاسكال بايرىمىدا ساياھەت قىلماسلىققا چاقىرغانلىقىنى خەۋەر قىلدى.

ئەلجەزىرە قانىلى، ب د ت خەۋپسىزلىك كېڭىشىنىڭ بېرمادا يۈزلىگەن پۇقرانىڭ ئۆلتۈرۈلۈشىنى «كۈچلۈك شەكىلدە» ئەيىبلىگەنلىكىنى خەۋەر قىلدى.

ئەلجەزىرە قانىلى يەنە، سەئۇدى ئەرەبىستان تاشقى ئىشلار مىنىستىرى شاھزادە فايسال بىن فارھاننىڭ: «ئىسرائىلىيە بىلەن نورماللىشىش بۇ رايونغا زور پايدا ئېلىپ كېلىدۇ، ئۇنىڭ مۇۋەپپەقىيىتى پەلەستىن مەسىلىسىنى ھەل قىلىنىشىغا باغلىق» دېگەن سۆزلىرىنى كۆرۈرمەنلىرى بىلەن ئورتاقلاشتى.

قاتاردا چىقىدىغان «ئەررايە ئەلقاتارىييە» گېزىتى، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ لىۋىيەدە ھافتەرگە قاراشلىق 120 جەڭچىنىڭ قويۇپ بېرىلىشىدىن مەمنۇن بولغانلىقىنى ئۇقتۇرغانلىقىنى خەۋەر قىلدى.

ئىيوردانىيەدە چىقىدىغان «ئەددۇستۇر» گېزىتى، ئەرەب ئەللىرى ئىتتىپاقىنىڭ ئوتتۇرا شەرقتىكى ساقلىنىۋاتقان مەسىلىلەر ۋە كىرىزىسلارنى سىياسىي يول بىلەن ھەل قىلىشنىڭ زۆرۈلۈكىنى مۇئەييەنلەشتۈرگەنلىكى توغرىسىدىكى ئۇچۇرلارنى ئوقۇرمەنلىرىنىڭ دىققىتىگە سۇندى.

ئىسپانىيەنىڭ «ئېل پائىس» گېزىتى، ئىسپانىيە ساقلىقنى ساقلاش خادىملىرىنىڭ بىر كۈندە 306،000 دىن ئارتۇق ۋاكسىنا ئەملەش ئارقىلىق دۆلەت رېكورتىنى بۇزۇپ تاشلىغانلىقىنى خەۋەر قىلدى.

ئىسپانىيەنىڭ «ئېل مۇندو» گېزىتى، ئىسپانىيەدە ھامىلدارلىق مەزگىلىدە ۋاكسىنا ئەملەنگەن بىر ئايالنىڭ ۋىرۇسقا قارشى ئانتىتېلالىق بوۋىقىنىڭ دۇنياغا كەلگەنلىكىنى يازدى.

ۋېنېزۇئېلادا چىقىدىغان «تېلېسۇر» گېزىتى، ۋېنېزۇئېلا دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقىنىڭ، كولۇمبىيە چېگراسىدىكى قوراللىق گۇرۇپپىلار بىلەن خەۋپسىزلىك كۈچلىرى ئوتتۇرىسىدا يېڭىدىن توقۇنۇش يۈز بەرگەنلىكىنى ئۇقتۇرغانلىقىنى خەۋەر قىلدى.

رۇسىيەنىڭ «تاسس» خەۋەر ئاگېنتلىقى،  ئامېرىكانىڭ «كۈنلەرنىڭ بىرىدە» رۇسىيەدىكى بارلىق دىپلوماتىك ئورۇنلىرىنى قايتىدىن ئېچىشىنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى.

رۇسىيەنىڭ «رىئا نوۋوستى» ئاگېنتلىقى، ئۇكرائىنانىڭ، رۇسىيە بىلەن توقۇنۇشۇپ قالغان تەقدىردە، ئامېرىكانىڭ ئۆزىگە ياردەم بېرىشكە كاپالەتلىك قىلغانلىقىنى ئۇقتۇرغانلىقىنى يازدى.

رۇسىيەنىڭ «لېنتا.رۇ» خەۋەرلەر تورى، رۇسىيە فېدېراتسىيە بىخەتەرلىك ئىدارىسىنىڭ دائېشنىڭ تۋېر رايونىدىكى تېررورلۇق ھۇجۇمىنىڭ ئالدىنى ئالغانلىقى توغرىسىدىكى ئۇچۇرلارنى ئوقۇرمەنلىرىنىڭ دىققىتىگە سۇندى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر