16.02.2021

بۈگۈنكى چەت ئەل مەتبۇئاتلىرىدىن تاللاپ تەييارلىغان خەۋەرلىرىمىز تۆۋەندىكىچە:

1584532
16.02.2021

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى: گېرمانىيەدە چىقىدىغان «فرانكفۇرتېر غۇندشاۋ» گېزىتى، ئەنقەرەنىڭ ئامېرىكا باش ئەلچىسىنى تاشقى ئىشلار مىنىستىرلقىغا چاقىرغانلىقىنى خەۋەر قىلدى.

گېرمانىيە ئاۋازى رادىيوسى، بېرلىندىكى مېھمانخانىلارنىڭ ئىشىكىنى ئۆيسىز كىشىلەرگە ئاچقانلىقىنى خەۋەر قىلدى.

«ئا ر د.دې» تورى (ard.de)، دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتى مۇتەخەسىسلىرىنىڭ ۋۇخەن ۋىرۇسى(Kovid-19)  ھەققىدە خىتايدىن تېخىمۇ كۆپ مەلۇمات تەلەپ قىلىۋاتقانلىقىنى خەۋەر قىلدى.

ئىسپانىيەنىڭ« ئا ب س» گېزىتى، كاتالونىيەدە ئۆتكۈزۈلگەن سايلاملاردا بۆلۈنۈش تەرەپدارلىرىنىڭ غەلىبە قىلغانلىقىنى خەۋەر قىلدى.

ئارگېنتىنادا چىقىدىغان «كلارىن گېزىتى» (Clarín )، ئارگېنتىنانىڭ سابىق پىرېزىدېنتى كارلوس مەنەم (Carlos Menem) نىڭ مېيىتىنىڭ، سان جاستو مۇسۇلمانلار قەبرىستانلىقىغا دەپنە قىلىنغانلىقىنى خەۋەر قىلدى.

«ئەددەستۇر گېزىتى»، تۇنجى قېتىم ئوتتۇرىغا چىقىشتىن بۇرۇن 13 خىل ۋۇخەن ۋىرۇسىنىڭ بايقالغانلىقىنى، دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتىنىڭ بۇنىڭدىن چۆچۈگەنلىكىنى خەۋەر قىلدى.

«ئەررايە ئەلقاتارىييە گېزىتى»، دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتى تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەردە ئاسترازېنېكا (AstraZeneca) ۋاكسىناسىنىڭ ئەملىنىشىنى تەستىقلىغانلىقىنى خەۋەر قىلدى.

«ئەلقۇددۇس ئەلئەرەبى گېزىتى»، قاتار تاشقى ئىشلار مىنىستىرىنىڭ يادرو كېلىشىمى سەۋەبىدىن ئوتتۇرىغا چىققان ئىختىلاپلار كۆلەڭگىسىدە ئىراننى زىيارەت قىلغانلىقىنى خەۋەر قىلدى.

فىرانسىيەدە چىقىدىغان «لې پارىسىيىن گېزىتى» (Le Parisien)، ئامېرىكا مۇئاۋىن پىرېزىدېنتى كامېلا خارىس بىلەن فىرانسىيە پىرېزىدېنتى ماكروننىڭ ۋۇخەن ۋىرۇسىغا قارشى «يېقىن ھەمكارلىق» نى قوللايدىغانلىقىنى خەۋەر قىلدى.

«راشا تېدېي» گېزىتى (Russia Today)، رۇسىيە پارلامېنتى دۇمانىڭ خامچوت ۋە باج كومىتېتىنىڭ، كرىپتو پۇل ئورگانلىرى بىلەن بېجىرىلگەن رەسمىيەتلەردىن باج ئېلىش تەكلىپ قىلىنغان قانۇن لايىھەسىنى تەستىقلىغانلىقىنى خەۋەر قىلدى.

رۇسىيەنىڭ «تاس ئاگېنتلىقى»، رۇسىيە بىلەن ئامېرىكانىڭ ئوتتۇرا شەرقتە پەلەستىن-ئىسىرائىلىيە مەسىلىسىنى ھەل قىلىشتا ھەمكارلىشايدىغانلىقىنى خەۋەر قىلدى.

خەۋەردە، ئىككى دۆلەت تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى مەسئۇللىرىنىڭ مەزكۇر مەسىلە توغرىسىدا تېلېفوندا كۆرۈشكەنلىكى قەيت قىلىندى.

رۇسىيەنىڭ «لېنتا.رۇ» تورى (Lenta.ru)، رۇسىيە پىرېزىدېنتى پۇتىننىڭ ھۆكۈمەتكە ۋۇخەن ۋىرۇسى ۋاكسىنالىرىنىڭ يېڭى تۈر ۋىرۇسلارغا قارشى ئۈنۈمىنى ئانالىز قىلىشى توغرىسىدا يوليورۇق چۈشۈرگەنلىكىنى خەۋەر قىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر