28.01.2021

بۈگۈنكى چەت ئەل مەتبۇئاتلىرىدىن تاللاپ تەييارلىغان قىسقىچە خەۋەرلىرىمىز تۆۋەندىكىچە:

1572884
28.01.2021

«گېرمانىيە ئاۋازى رادىيوسى» ب د ت تەتقىقاتىغا ئاساسلانغاندا، ئۈچتىن ئىككى قىسىم ئىنسانلارنىڭ كېلىمات ئۆزگىرىشىنى يەر شارى خاراكتېرلىك جىددىي ئەھۋال، دەپ قارايدىغانلىقىنى خەۋەر قىلدى.

گېرمانىيەنىڭ «‹Frankfurter Allgemeine Zeitung› گېزىتى»، رۇسىيەنىڭ قورالسىزلاندۇرۇش كېلىشىمىنىڭ مۇددىتىنى 2026-يىلغىچە ئۇزارتقانلىقىنى خەۋەر قىلدى.  

گېرمانىيەنىڭ «‹nrz.de› خەۋەرلەر تورى»، پۇتبول چولپىنى مەسۇت ئوزىلنىڭ گېرمانىيەدە ھەرگىزمۇ قايتا ئويناشنى خالىمايدىغانلىقىنى خەۋەر قىلدى.

ئىيوردانىيەدە چىقىدىغان «‹ئەددۇستۇر› گېزىتى»، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى پەلەستىنلىك پاناھلانغۇچىلارغا ياردەم  قىلىش ئاجانسىنىڭ «بۇ يىل مۇلازىمىتىمىزنى داۋاملاشتۇرۇش ئۈچۈن بىر مىليارد دوللاردىن ئارتۇق پۇلغا ئېھتىياجىمىز بار» دېگنلىكىنى خەۋەر قىلدى.

قاتاردا چىقىدىغان «‹ئەررايەل قەتەرىييە› گېزىتى»، ئاقساراي دائىرىلىرىنىڭ كوۋىد-19 ۋىرۇسىنىڭ يىلتىزى ھەققىدە «ئاشكارا ۋە چوڭقۇر» خەلقئارالىق بىر تەكشۈرۈش باشلاش چىقىرىقى ئېلان قىلغانلىقىنى خەۋەر قىلدى.

«ئەليوۋم گېزىتى» جو  بايدېن ھۆكۈمىتىنىڭ پەلەستىن-ئىسرائىلىيە دېلوسىغا قاراتقان سىياسىتىنىڭ ئالاھىدىلىكلىرىنى تۇنجى قېتىم ئېلان قىلغانلىقىنى، بۇنىڭ ئىككى دۆلەتلىك ھەل قىلىش چارىسىنى قوللاش، قوشۇۋېلىش ۋە ئولتۇراقلىشىشنى رەت قىلىش، دىپلوماتىك ۋاكالەتخانىلارنى قايتىدىن ئېچىش ۋە ياردەمنى داۋاملاشتۇش قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىغانلىقىنى خەۋەر قىلدى.

ئىسپانىيەدە چىقىدىغان «‹El Pais› گېزىتى»، ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ ئەنگىلىيەدىكى «AstraZeneca» شىركىتى ئىشلەپچىقارغان ۋاكسىنىلارنىڭ بىر قىسمىنى تاپشۇرۇشنى تەلەپ قىلىۋاتقانلىقىنى خەۋەر قىلدى.

ئارگېنتىنادا چىقىدىغان «‹ Infobae › گېزىتى»، دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتىنىڭ ئەنگلىيەدە ئۆزگىرىشكە ئۇچرىغان ۋىرۇسىنىڭ 70 دۆلەتتە ۋە جەنۇبىي ئافرىقىدا ئۆزگىرىشكە ئۇچرىغان ۋىرۇسنىڭ 31 دۆلەتتە بايقالغانلىقىنى خەۋەر قىلدى.

ۋېنېزۇئېلادا چىقىدىغان «‹TeleSur› گېزىتى»، رۇسىيەنىڭ ئارگېنتىناغا كوۋىد-19 ۋاكسىنىسىنىڭ كېچىكىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەنلىكىنى خەۋەر قىلدى.

فىرانسىيەدە چىقىدىغان «‹لې موندې›  گېزىتى»، فىرانسىيەدە كوۋىد-19 دىن دوكلات بېرىش گۇرۇپپىسىنىڭ كۈتۈلمىگەن بىر شەكىلدە  تاقىۋېتىلگەنلىكىنى خەۋەر قىلدى.

فىرانسىيەدە چىقىدىغان «‹لې فىگارو›  گېزىتى»، ئامېرىكادا يۈز بېرىش ئېھتىمالى بولغان رادىكال ئۇنسۇرلارنىڭ زوراۋانلىق ھەرىكىتىگە قارشى ئاگاھلاندۇرۇش ئېلان قىلىنغانلىقىنى خەۋەر قىلدى.

فىرانسىيەنىڭ «‹Liberation › گېزىتى»،  نىس شەھىرىدىكى بىر رېستوراننىڭ «ئاممىۋىي ئىتائەتسىزلىك» دائىرىسىدە قانۇنسىز ھالدا دۇكان ئاچقانلىقىنى خەۋەر قىلدى.

رۇسىيەنىڭ «<Lenta.ru> خەۋەرلەر تورى»، رۇسىيە ئۆكتىچىسى ئالېكسېي ناۋالنىينىڭ ئىنىسى بىلەن بىرلىكتە قۇرغان چىرىكلىككە قارشى تۇرۇش فوندىنىڭ خادىمى ئۆكتىچى سىياسەتچى ليۇبوب سوبولنىڭمۇ 48 سائەتلىك نازارەتكە ئېلىنغالىقىنى خەۋەر قىلدى.  

رۇسىيەنىڭ «‹TASS› ئاگېنتلىقى، ب د ت باش كاتىپىنىڭ رۇسىيەدە ياسالغان ۋاكسىنىنى دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتىنىڭ بالدۇرراق تەستىقلىشىنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى خەۋەر قىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر