18.01.2021

بۈگۈنكى چەت ئەل مەتبۇئاتلىرىدىن تاللاپ تەييارلىغان خەۋەرلىرىمىزنىڭ قىسقىچە مەزمۇنلىرى تۆۋەندىكىچە:

1565741
18.01.2021

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى: قاتاردا چىقىدىغان «ئەررايە ئەلقاتارىييە» گېزىتى،  سەئۇدى ئەرەبىستان قاتار بىلەن بولغان دىپلوماتىك مۇناسىۋىتىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشكە باشلىغانلىقى توغرىسىدىكى ئۇچۇرلارنى ئوقۇرمەنلىرىنىڭ دىققىتىگە سۇندى.

ئوماندا چىقىدىغان «ۋەتەن» گېزىتى، ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىدا ئېلىپ بېرىلغان بىر تەتقىقات نەتىجىسىنىڭ، چۈشكۈنلۈك ۋە بېسىمنىڭ بەدەننىڭ ۋاكسىناغا بولغان تەسىرىنى ئاجىزلاشتۇرۇۋېتىدىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويغانلىقىنى يازدى.

لىۋاندا چىقىدىغان «ئەلمۇستەقبەل» گېزىتى، ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكىنىڭ رۇسىيەدە تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسىنىڭ ھاياتىدىن ئايرىلغانلىقىنى خەۋەر قىلدى.

فىرانسىيەنىڭ «لې پارىسىئېن» گېزىتى، پىرېزىدېنت ئېممانۇئېل ماكروننىڭ بۈگۈن فىرانسىيەدىكى ئىسلام پىرىنسىپلىرى نىزامنامىسى توغرىسىدا سۆزلىشىش ئۈچۈن، فىرانسىيە ئىسلام كېڭىشى ۋەكىللىرىنى قوبۇل قىلىدىغانلىقىنى يازدى.

بېلگىيەنىڭ «لۆسۋا» گېزىتى، ئەنگلىيەدە ئۆزگىرىشچان ۋىرۇسلار بايقالغاندىن كېيىن، فلېمان رايونىدىكى نۇرغۇن مەكتەپلەرنىڭ تاقىۋېتىلگەنلىكىنى خەۋەر قىلدى.

مېكسىكانىڭ «ئېل ئۇنىۋېرسال» گېزىتى،  گىۋاتېمالا ئەمەلدارلىرىنىڭ ھوندۇراستىن كەلگەن كۆچمەنلەرنى زورلۇق بىلەن توسقانلىقىنى يازدى. (ئامېرىكاغا بېرىش مەقسىتىدە يولغا چىققان كۆچمەنلەر تەخمىنەن 9 مىڭ ئادەمدىن تەركىب تاپىدۇ).

ئارگېنتىنادا چىقىدىغان «ئىنفوبائې» گېزىتى، مۇتەخەسسىسلەرنىڭ ئاگاھلاندۇرۇپ: «كوۋىد – 19 ياكى كوۋىد خامۇشلۇق كېسىلىنىڭ ئىنسانىيەت ھازىرغىچە باشتىن كەچۈرگەن ئەڭ ئېغىر ئىجتىمائىي بېسىم ئامىلى» ئىكەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويغانلىقىنى خەۋەر قىلدى.

ئىسپانىيەنىڭ «ئېل مۇندو» گېزىتى، ئىسپانىيەنىڭ ئەندەلۇس رايونىنىڭ ھۆكۈمەتتىن كوۋىد - 19 غا قارشى تۇرۇش دائىرىسىدە يولغا قويۇلىدىغان كوچىغا چىقىشنى چەكلەش بەلگىلىمىسىنىڭ ۋاقتىنى ئالدىغا سۈرۈشىنى تەلەپ قىلغانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى.

گېرمانىيەنىڭ «تاگېسشاۋ.دې» تورى، گېرمانىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ھايكو مائاسنىڭ: «ۋاكسىنا ئەملەنگەنلەرگە كورونا تەدبىرلىرىنى يېنىكلىتىش كېرەك» دېگەن تەلىپىنىڭ قوللاشقا ئېرىشەلمىگەنلىكىنى يازدى.

گېرمانىيە ئاۋازى رادىيوسى (DW)، ئامېرىكادىكى پىرېزىدېنتلىق سايلىمىدا غەلىبە قىلغان جو بايدىننىڭ ۋەزىپە تاپشۇرۇۋالغان كۈنى مۇسۇلمان دۆلەتلەرنىڭ پۇقرالىرىغا قويۇلغان ساياھەت چەكلىمىسىنى بىكار قىلىدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى.

يەنە گېرمانىيەنىڭ «دىې ۋېلت» گېزىتى، سەيشەنبە كۈنى گېرمانىيە مەركىزىي ھۆكۈمىتى بىلەن ھەر قايسى ئىشتاتلارنىڭ ۋۇخەن ۋىرۇسى (كوۋىد – 19) تەدبىرلىرى توغرىسىدا يىغىن چاقىرىدىغانلىقىنى، يىغىندا تەدبىرلەرنى تېخىمۇ چېڭىتىش قارارىنىڭ چىقىش ئېھتىمالى بارلىقىنى يازدى.

رۇسىيەنىڭ «تاسس» خەۋەر ئاگېنتلىقى، رۇس ئۆكتىچى ئالېكسېي ناۋالنىينىڭ موسكۋادىكى شېرېمېتېۋو ئايرودۇرۇمىدا نازارەت ئاستىغا ئېلىنغانلىقىنى خەۋەر قىلدى.

رۇسىيەنىڭ «كوممېرسانت.رۇ» خەۋەرلەر تورى، رۇسىيەنىڭ بۈگۈن كوللېكتىپ ۋاكسىنا ئەملەشنى باشلىغانلىقى، ۋاكسىنا ئەملەتكۈزۈشنى خالايدىغانلارنىڭ Sputnik V  ياكى EpiVacCorona ۋاكسىناسىدىن بىرنى تاللىسا بولىدىغانلىقى توغرىسىدىكى ئۇچۇرلارنى ئوقۇرمەنلىرىنىڭ دىققىتىگە سۇندى.

رۇسىيەنىڭ «رىيا نوۋۇستى» گېزىتى، رۇسىيە كېڭەش پالاتا ئەزاسى ئالېكسىيە پۇشكىننىڭ، ئامېرىكادا ۋەزىپە تاپشۇرۇپ ئالىدىغان جو بايدىن ھۆكۈمىتى مەزگىلىدە ئامېرىكانىڭ ئۇكرائىنادىن رۇسىيەگە قارشى تېخىمۇ كۆپ پايدىلىنىدىغانلىقىنى ۋە رۇسىيە – ئامېرىكا مۇناسىۋىتىنىڭ تېخىمۇ قۇچاقلىشىدىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويغانلىقىنى ئوقۇرمەنلىرى بىلەن ئورتاقلاشتى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر