14.01.2021

بۈگۈنكى چەت ئەل مەتبۇئاتلىرىدىن تاللاپ تەييارلىغان قىسقىچە خەۋەرلىرىمىز تۆۋەندىكىچە:

1563614
14.01.2021

 

فىرانسىيەدە چىقىدىغان «‹لې موندې›  گېزىتى»، فىرانسىيەدە ئەدلىيە مىنىستىرى ئېرىك دۇپوند-مورېتتىنىڭ قانۇنسىز مەنپەئەت يەتكۈزۈش  بىلەن ئەيىبلىنىپ، سوتتا دېلو تۇرغۇزۇلغانلىقىنى خەۋەر قىلدى .

«لې سوئېر  گېزىتى»، بېلگىيەدە نازارەتكە ئېلىنغان ئافرىقالىق ياش ئۈچۈن پايتەخت بىريۇسسېلدا ئۆتكۈزۈلگەن نامايىشتا توقۇنۇش يۈز بەرگەنلىكىنى خەۋەر قىلدى.

«لې موندې  گېزىتى»، پارىژ سوتىنىڭ ئۈچ ساقچى مەمۇرىغا زوراۋانلىق ۋە ئىرقچىلىق سەۋەبىدىن ئاگاھلاندۇرۇش ۋە ئەيىبلەش جازاسى بەرگەنلىكىنى خەۋەر قىلدى.

گېرمانىيە ئاۋازى رادىيوسى، تۈركىيە دورىگەرلىك ۋە داۋالاش ئۈسكۈنىلىرى ئورگىنىنىڭ، ئانالىزلىرى تاماملانغان خىتاي ۋاكسىنىسى «CoronaVac» ئۈچۈن «جىددى ئىشلىتىش رۇخسىتى» بەرگەنلىكىنى ۋە تەستىقتىن كېيىن سەھىيە مىنىستىرى فاھرەتتىن كوجاغا تۇنجى «CoronaVac»  ۋاكسىنىسى ئەملەنگەنلىكىنى خەۋەر قىلدى.

«<DiePresse.com> خەۋەرلەر تورى»،  دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتى (WHO) نىڭ  50 دۆلەتتە گېن ئۆزگۈرىشىگە دۇچ كەلگەن ۋىرۇسنىڭ بايقالغانلىقىنى خەۋەر قىلدى.

«<Tagesschau > خەۋەرلەر تورى»، گېرمانىيە سەھىيە مىنىستىرى جېنس سپاخننىڭ كوۋىد-19 يۇقۇمى تەدبىرلىرى چەكلىمىسىنىڭ فېۋرالدىمۇ كۈچكە ئىگە بولىدىغانلىقىنى ئېيتقانلىقىنى خەۋەر قىلدى.

ئىيوردانىيەدە چىقىدىغان «‹ئەددۇستۇر› گېزىتى»، ئىسرائىلىيەنىڭ سۈرىيەگە قىلغان ھۇجۇمىدا 57 كىشىنىڭ قازا قىلغانلىقىنى خەۋەر قىلدى.

«‹ئەلقۇدسۇل ئەرەبى› گېزىتى»، (ئامېرىكا پىرېزىدېنتى) دونالد ترامپنىڭ ئامېرىكا تارىخىدا ۋەزىپىسدىن ئېلىپ تاشلىنىشى ئۈچۈن ئىككى قېتىم كېڭەش پالاتاسىغا يوللانغان تۇنجى پىرېزىدېنت بولۇپ قالغانلىقىنى خەۋەر قىلدى.

«ئەلجەزىرە تېلېۋىزىيە قانىلى»،  كانادا ھۆكۈمىتىدە تۇنجى قېتىم  بىر سۈرىيەلىك كۆچمەننىڭ قاتناش مىنىستىرى بولۇپ تەيىنلەنگەنلىكىنى خەۋەر قىلدى.  

«‹Interfax› ئاگېنتلىقى»، (رۇسىيە ئۆكتىچىسى) ئالېكسېي ناۋالنىينىڭ دىكابىردىن بېرى رۇسىيە ساقچىلىرىنىڭ ئىزدەپ - تۇرۇش تىزىملىكىدە بارلىقىنى خەۋەر قىلدى.  

رۇسىيەنىڭ «<RBK > خەۋەرلەر تورى»،  ئامېرىكا بانكىسى مۇتەخەسسىسلىرىنىڭ قارىشىچە، ئامېرىكا سايلاملىرىدا جو بايدېننىڭ غەلىبە قىلىشىنىڭ رۇسىيە بازىرىدا ئىجابىي تەسىر كۆرسىتىشى مۇمكىنلىكىنى خەۋەر قىلدى.

«<Lenta.ru> خەۋەرلەر تورى»، رۇسىيە پرېزىدېنتى ۋىلادىمىر پۇتىننىڭ كېلەر ھەپتىدىن باشلاپ رۇسىيەدە كەڭ كۆلەملىك ۋاكسىنا ئەملەش سەپەرۋەرلىكى باشلاشقا بۇيرۇق چۈشۈرگەنلىكىنى خەۋەر قىلدى.

ئىسپانىيەدە چىقىدىغان «‹El Pais› گېزىتى»، ئىسپانىيەدە ھۆكۈمەتنىڭ قار بورىنى ئاپىتىنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىغانلارغا ياردەم بېرىشكە ۋەدە بەرگەنلىكىنى خەۋەر قىلدى.

ۋېنېزۇئېلادا چىقىدىغان «‹TeleSur› گېزىتى»، ئامېرىكادا داللاس شەھىرىدە تۇرۇشلۇق مېكسىكا باش كونسۇلخانىسىنىڭ رەسمىي تىۋىتتېر ھېسابىدا 2009-يىلدىن 2018-يىلغىچە بولغان ئارىلىقتا 19 مىڭ 998 ئىسپانىيەلىك (ئامېرىكىدا ياشايدىغان لاتىن ئامېرىكالىق ياكى ئىسپانىيەلىكلەر) نىڭ قورال بىلەن ئۆلتۈرۈلگەنلىكى ھەققىدىكى مەلۇماتلارنى ھەمبەھىرلىگەنلىكىنى خەۋەر قىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر