تۈركلەر بىلەن ئانزاكلارنىڭ دوستانە مۇناسىۋىتى

بىلىۋېلىڭ (34)

1982201
تۈركلەر بىلەن ئانزاكلارنىڭ دوستانە مۇناسىۋىتى

تۈركلەر بىلەن ئانزاكلارنىڭ دوستانە مۇناسىۋىتى

دۇنيا تارىخىدىكى ئەڭ قانلىق ئۇرۇشلاردىن بىرىنىڭ تۈركلەر بىلەن ئانزاكلارنىڭ دوستانە مۇناسىۋەت ئورنىتىشىدا مۇھىم رول ئوينىغانلىقىنى بىلەمسىز؟

بىرىنچى دۇنيا ئۇرۇشىنىڭ ئەڭ مۇھىم ئالدىنقى سەپلىرىدىن بىرى بولغان چاناققەلئە فىرونتى دۇنيا تارىخىدىكى ئەڭ قانلىق جەڭلەر بولغان، ھەر كىۋادرات مېتىرىغا ئالتە مىڭ پاي ئوق چۈشكەن، جەمئىي 500 مىڭ ئادەم ھاياتىدىن ئايرىلغان بىر جەڭ مەيدانى ئىدى. چاناققەلئە زېمىنىغا بىر-بىرىنى ھېچ تونۇمايدىغان دۆلەتلەرنىڭ ئەسكەرلىرى بىرلىكتە دەپنە قىلىنغانىدى.

ئىتتىپاقداش دۆلەتلەر ئىچىدە ناھايىتى يىراق دىيارلاردىكى ئۆي-ماكانلىرىنى تاشلاپ ئەنگىلىيە ئارمىيەسىنىڭ سېپىدە ئۇرۇش قىلىش ئۈچۈن كەلگەن ئاۋىستىرالىيەلىك ۋە يېڭى زېلاندىيەلىك ئەسكەرلەر، يەنى ئانزاك ئەسكەرلەرمۇ بار ئىدى. ئانزاك ۋە تۈرك ئەسكەرلەر ئۇرۇش مەيدانىدا پەقەت بىر-بىرى بىلەنلا ئۇرۇش قىلمىدى. ئۇلار ئۇرۇشتىن سىرتقى ۋاقىتلاردا بىر-بىرىنى ھۆرمەتلەش ئارقىلىق كىشىلىك مۇناسىۋەت ۋە دوستلۇق ئورناتتى. ئالدىنقى سەپتە كىر يۇيۇپ، ئېسىش ئۈچۈن قورغانلىرىدىن چىققان ئەسكەرلەر بىر-بىرىگە قارىتىپ ئوق چىقىرىشنى ئويلاپمۇ باقمىدى. ئۇلار قورغانلىرىدىن بىر-بىرىگە تاماكا، شاكىلات، قۇرۇق ئۈزۈم، قۇرۇق ئەنجۈر ۋە خاتىرە بۇيۇملارنى ئەۋەتىشتى.

ئۇرۇش ئاخىرلاشقاندا، ئانزاك ئارمىيەسىنىڭ قوماندانى گېنېرال گودلېي ئوسمانلى ئىمپېرىيەسى ئارمىيەسىدىن ئانزاكلارنىڭ مازارلىرىغا ھۆرمەت قىلىشنى تەلەپ قىلىپ خەت قالدۇردى. ئەسلىدە بۇنداق چاقىرىقتا بولۇشنىڭمۇ ھېچ ھاجىتى يوق ئىدى. چۈنكى تۈركلەر ئۇرۇشتا قازا قىلغان بارلىق ئەسكەرلەرگە خۇددى ئۆز بالىلىرىدەك كۆڭۈل بۆلدى. ئانزاك ئەسكەرلەر قۇرۇقلۇققا چقققان قولتۇق، ھاياتىدىن ئايرىلغان ئانزاك ئەسكەرلەرنى ھۆرمەتلەش يۈزىسىدىن «ئانزاك قولتۇقى» دەپ ئاتالدى. ئانزاكلارنىڭ 1915-يىلى گەلىبولۇدا قۇرۇقلۇققا چىققانلىقىنىڭ خاتىرە كۈنى بولغان 25-ئاپرېل «ئانزاكلار كۈنى» قىلىپ بېكىتىلدى.

مۇستاپا كامال ئاتاتۈركنىڭ 1934-يىلى ئانزاكلارنى خاتىرىلەش مۇراسىملىرىغا «ئېلىمىزنىڭ تىنچلىقى دۇنيانىڭ تىنچلىقى» تېمىسىدا يوللىغان تۆۋەندىكى تېلېگراممىسى ناھايىتى ئەھمىيەتلىك ئىدى:

 «ئەي بۇ دۆلەتنىڭ تۇپرىقىغا قانلىرى تۆكۈلگەن قەھرىمانلار! سىلەر بۇ يەردە دوست بىر دۆلەتنىڭ تۇپرىقىدا يېتىۋاتىسىلەر. قەبرەڭلاردا خاتىرجەم ۋە بەھۇزۇر يېتىڭلار. سىلەر تۈركىيە قىسىملىرى بىلەن بىر مازاردا يېتىۋاتىسىلەر. ئەي ئوغۇللىرىنى يىراق دىيارلاردىن بۇ يەرگە ئۇرۇش قىلىشقا ئەۋەتكەن ئانىلار! ئەمدى كۆز يېشى قىلماڭلار. چۈنكى سىلەرنىڭ بالىلىرىڭلار بىزنىڭ باغرىمىزدىدۇر، ئۇلار زېمىنىمىزدا خاتىرجەم ۋە بەھۇزۇر ياتىدۇ. ئۇلار بۇ زېمىندا ھاياتىنى تەقدىم قىلدى، شۇڭا ئۇلار ئەمدى بىزنىڭ ئەۋلادلىرىمىزغا ئايلاندى.»

بۈگۈنكى كۈندە، ھەر يىلى دۇنيا تارىخىدىكى ئەڭ قانلىق ئۇرۇشلاردىن بىرى بولغان گەلىبولۇدىكى خاتىرىلەش مۇراسىملىرىدا يۈزلەرچە تۈركلەر، ئاۋىستىرالىيەلىكلەر بىر يەرگە جەم بولىدۇ. بۇ مۇراسىملاردا ئاشۇ ئۇرۇشلاردا ھاياتىدىن ئايرىلغانلارنى خاتىرىلەش ئۈچۈن، دۇنيانىڭ تىنچلىقى ئۈچۈن دۇئا قىلىنىدۇ ۋە تىلەكلەر تىلىنىدۇ.

شۇ ۋەجىدىن،  چاناققەلئە بۈيۈك ئۇرۇش بولغان، شۇنداقلا مىسلىسىز دوستانە مۇناسىۋەت ئورنىتىلغان ۋە پۈتۈن دۇنياغا مىسلىسىز ئىنسانىي پەزىلەت نامايان قىلىنغان جاي دەپ قارىلىدۇ.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر