ۋاللا ۋادىسى

بىلىۋېلىڭ (33)

1979741
ۋاللا ۋادىسى

ۋاللا ۋادىسى

دۇنيادىكى ئەڭ چوڭقۇر ۋادىلاردىن بىرىنىڭ تۈركىيەدە ئىكەنلىكىنى بىلەمسىز؟

دۇنيادىكى ئىككىنچى چوڭقۇر ۋادى ھېسابلىنىدىغان «ۋاللا ۋادىسى» تۈركىيەنىڭ غەربىي قارادېڭىز رايونىغا، كاستامونۇ ۋىلايىتى چېگراسىغا جايلاشقان. دەرۋەقە، كاستامونۇ كەڭ تاغلىق ۋە ئورمانلىق رايونلىرى بىلەن ئاز ئۇچرايدىغان جايلاردىن بىرى. كاستامونۇدا نۇرغۇنلىغان ۋادى، غار، دەريا ۋە شارقىراتما قاتارلىق تەبىئىي گۈزەللەرنى بىرلا ۋاقىتتا كۆرگىلى بولىدۇ.

800 دىن 1200 مېتىرغىچە ئېگىز تاش قىيالىقلىرى بار بولغان ۋاللا ۋادىسىدىن ئۆتۈش تەس، ئۇزۇن ۋە ئىنتايىن خەتەرلىك. ئۆتۈش ئەڭ تەس بولغان ۋادىلاردىن بىرى بولغان ۋاللا ۋادىسىدىن پەقەت كەسپىي گۇرۇپپىلارلا مۇۋاپىق ئۈسكۈنىلەرنىڭ ياردىمىدە ئۆتەلەيدۇ. بىراق، كىرىش-چىقىشتا يەرلىك يېتەكچىلەر بىلەن قىسقا ۋاقىتلىق كىرىش مۇمكىن. ۋاللا ۋادىسىغا نەزەر تاشلاش ئۈچۈن ياسالغان كۆزىتىش مۇنبىرىدىن تەبىئەتنىڭ پەۋقۇلئاددە گۈزەللىكلىرىنى تولۇق كۆرگىلى بولىدۇ.

بۈركۈت، قارىغۇجا، ئاق باش دېڭىز بۈركۈتى قاتارلىق يىرتقۇچ قۇشلار ياشايدىغان بۇ ۋادىدا 40 تىن ئارتۇق شارقىراتمىمۇ بار. بۇ شارقىراتمىلارنىڭ ئىچىدە 14 مېتىر ئېگىزلىكتىىكى ئىلىجا شارقىراتمىسى باشقا ئېگىز شارقىراتمىلاردەك ھەيۋەتلىك بولمىسىمۇ، ئەمما ئەتراپىدىكى ھەيۋەتلىك يېپىنچا  ئۆسۈملۈكلىرى بىلەن كۆرۈشكە ئەرزىيدۇ.

بۇنىڭدىن باشقا يەنە، بۇ رايونغا جايلاشقان ئىلگارىنى غارى دۇنيادىكى 4-چوڭ غار ھېسابلىنىدۇ. مۆلچەرلىنىشىچە ، ئۇزۇنلۇقى 858 مېتىر، چوڭقۇرلۇقى 250 مېتىر كېلىدىغان بۇ غار 220 مىليون يىلدا شەكىللەنگەن.

بۇنىڭدىن باشقا يەنە، بۇ غاردا ئاخىرقى رىم ۋە ۋىزانتىيە ئىمپېرىيەلىرى  دەۋرىلىرىگە ئائىت چېركاۋ ، مازار ۋە قۇدۇقلارنىمۇ كۆرگىلى بولىدۇ. بۇ غارغا ئېلىپ بارىدىغان ئورمان يولى بويىدا يەر مەدىكى  غارى ۋە ئەجدىھا غارى دەپ ئاتىلىدىغان كۆرۈشكە ئەرزىيدىغان يەنە ئىككى غارمۇ بار.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر