ئارتۋىن يايلاقلىرى

بىلىۋېلىڭ (31)

1973651
ئارتۋىن يايلاقلىرى

ئارتۋىن يايلاقلىرى

تۈركىيەنىڭ شەرقىي شىمال چېگراسىغا جايلاشقان ئارتۋىن تېرروتېرىيەسىنىڭ يېرىمىدىن كۆپرەكىنىڭ يايلاقلاردىن تەركىب تاپقانلىقىنى بىلەمسىز؟

ئارتۋىننىڭ% 51  تى يايلاقلاردىن تەركىب تاپقان بولۇپ، ھەيۋەتلىك ئورمانلىرى، دۆلەت باغچىلىرى، ئېقىن سۇلىرى، شارقىراتمىلىرى، تارىخىي خارابىلىكلىرى، كۆللىرى ۋە يايلاقلىرى  بىلەن تۈركىيەنىڭ تەبىئەت ساياھىتى جەھەتتە ئەڭ باي شەھەرلىرىدىن بىرى.

ئارتۋىننىڭ تارىخىغا نەزەر سالغىنىمىزدا، ئۇنىڭ يىراق ئۆتمۈشكىچە سوزۇلمايدىغان ئوتتۇرا ئەسىردىكى بىر شەھەر ئىكەنلىكىنى كۆرۈۋالالايمىز. مۇشۇنداق بولۇشىغا قارىماي، ئارخېئولوگىيەلىك قېزىپ تەكشۈرۈش پائالىيەتلىرى داۋامىدا،  ئارتۋىننىڭ مىلادىدىن ئىلگىرىكى 2000-يىللارغا ئائىت بىر قىسىم ئولتۇراق رايونلىرىنىڭ بارلىقى ئىسپاتلانغان. قانداقلا بولمىسۇن، ئارتۋىن تىلغا ئېلىنغان ھامان، تۇنجى بولۇپ ئادەمنىڭ كۆز ئالدىغا كېلىدىغىنى تارىخ ئەمەس، بەلكى بۇ رايوننىڭ تەبىئىي مۆجىزىلىرى ھېسابلىنىدىغان گۈزەل يايلاقلىرىدۇر.

مىڭبىر تۈرلۈك يېشىل رەڭ بىلەن بېزەلگەن ئارتۋىن يايلاقلىرىنىڭ ئىچىدە كەڭ كەتكەن ئورمانلىقلار ۋە ئوتلاقلارغا ئىگە قاچقار يايلىقىمۇ بار. بۇ شەھەرنىڭ غەربىي جەنۇبىغا جايلاشقان 1250 مېتىر ئېگىزلىكتىكى كافكاسۆر يايلىقىدا ھەر يىلى ئىيۇن ئېيىنىڭ ئاخىرقى ھەپتىسىدە بۇقا سوقۇشتۇرۇش پائالىيىتى ئۆتكۈزۈلىدۇ. بۇ يايلاقتا شىپالىق ئارشاڭلارمۇ بار.

ئارتۋىندىن 10 كىلومېتىر يىراقلىققا جايلاشقان خاتىلان ۋادىسىدا ئۆسۈملۈك تۈرلىرى ناھايىتى كۆپ. سانى 500 دىن ئارتۇق رايونغا خاس بۇ ئۆسۈملۈكلەرنىڭ بىر قىسمى دورا سانائىتىدە ئىشلىتىلىدۇ.

«قارادېڭىز رايونىنىڭ جەننىتى» دەپ ئاتالغان قاراگۆل (قارا كۆل) مۇ ئارتۋىن ۋىلايىتىنىڭ بورچكا ناھىيەسىگە  جايلاشقان. قاراگۆل جايلاشقان رايون «تەبىئەت باغچىسى» ئېلان قىلىندى. قاراگۆل تەبىئەتنى ياخشى كۆرىدىغانلار ئۈچۈن دۇنيادىكى ئەڭ گۈزەل ۋە 01جەلپكارلىق كۆللەردىن بىرى ھېسابلىنىدۇ.

ئارتۋىننىڭ تارىخى ۋە ئۆزىگە خاس ئالاھىدىلىكى ئۈستىدە ئىزدىنىشنى خالايدىغانلار ئۈچۈن كۆڭۈلدىكىدەك مەزگىل مايدىن تارتىپ ئاۋغۇستقىچە بولغان پەسىل بولۇپ، بۇ مەزگىلدە ھۆل-يېغىن ئەڭ تۆۋەن سەۋىيەدە بولىدۇ. دەرۋەقە، مەزكۇر رايون بۇ مەزگىلدە بارلىق تەبىئىي گۈزەللىكلەر ئۈستىدە ئىزدىنىشنى خالايدىغانلار ئۈچۈن تېخىمۇ ئىللىق ھاۋا كىلىماتى بەخش ئېتىدۇ.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر