ئاماسيا

بىلىۋېلىڭ (30)

1969722
ئاماسيا

ئاماسيا

دۇنيا بويىچە تۇنجى مەشھۇر جۇغراپىيەشۇناسنىڭ تۈركىيەنىڭ ئاماسيا ۋىلايىتىدە دۇنياغا كەلگەنلىكىنى بىلەمسىز؟

ئاماسيا تۈركىيەنىڭ ئەڭ چوڭ ئىككىنچى دەرياسى بولغان يېشىلئىرماق دەرياسى بويىغا جايلاشقان، ئېقىن سۇلىرى، ئالما باغلىرى، تاغلىرى، تۈزلەڭلىكلىرى ۋە كۆللىرى بىلەن نۇرغۇنلىغان گۈزەللىكلەرگە ئىگە بىر شەھەردۇر. 

بۇنىڭدىن باشقا يەنە، ئاماسيا جۇغراپىيە دېيىلگەن ھامان دۇنيا بويىچە ئەڭ دەسلەپ ئادەمنىڭ كۆز ئالدىغا كېلىدىغان تۇنجى شەخس، جۇغراپىيەشۇناسلارنىڭ ئاتىسى سۈپىتىدە قوبۇل قىلىنغان سترابومۇ تۇغۇلغان ھەم ياشاپ ئۆتكەن بىر شەھەردۇر.

دۇنيا تارىخىدىكى تۇنجى جۇغراپىيەشۇناس، پەيلاسوپ ۋە تارىخچى سترابو مىلادىدىن بۇرۇنقى 64- ئەسىردە باي بىر ئائىلىدە ئاماسيادا دۇنياغا كەلگەن. بۈگۈن شەھەر مەركىزىدە بۇ مەشھۇر تارىخچى ۋە جۇغراپىيەشۇناسنىڭ ھەيكىلى بار.

ئاماسيا ئانادولۇدىكى ئەڭ قەدىمكى ئولتۇراق رايونلاردىن بىرى. ھىتىتلاردىن باشلاپ ھەر خىل مەدەنىيەتلەرنىڭ مەركىزى بولغان بۇ شەھەرنىڭ ئەڭ قەدىمكى نامى ئاماسيا بولۇپ، تاكى بۈگۈنكى كۈنگە كەلگەنگە قەدەر قىلچە  ئۆزگەرمىگەن.

سترابومۇ ئۆزى يازغان مەشھۇر جۇغراپىيە كىتابىدا ئاماسيانى «ئاماسسېيا» دەپ ئاتايدۇ. سترابونىڭ قارىشىچە، ئاماسيانىڭ ئسىمى بۇ يەردە ياشاپ ئۆتكەن ئامازون خانىشى ئاماسىستىن كەلگەن.

 گەرچە ئاماسيا شەھىرىنىڭ قۇرۇلغان ۋاقتى ئېنىق بولمسىمۇ، ئەمما بۇ شەھەردە ئولتۇراقلىشىشنىڭ ھىتىتلار دەۋرىگىچە سوزۇلىدىغانلىقى ۋە ھازىرغىچە ئوخشىمىغان 19 دۆلەتنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقى دائىرىسىگە كىرگەنلىكى تەخمىن قىلىنماقتا.

 مىلادىدىن ئىلگىرىكى 281-يىلى قۇرۇلغان پونتۇس پادىشاھلىقىنىڭ پايتەختى بولغان ئاماسيادا پونتۇس پادىشاھلىىرىغا ئائىت  قەبرە قەلئەلىرى تاكى بۈگۈنكى كۈنگىچە ساقلىنىپ كەلمەكتە. بۇ قەبرە قەلئەلىرى ئاماسيا قەلئەسىنىڭ ئېتەكلىرىدە گويا تۈز سېپىلغا ئوخشاش تىك سوزۇلغان قىيا تاشلاردىن ئويۇپ ياسالغان.

 گەرچە يېشىلئرماق ۋادىسىنى بويلاپ چوڭ- كىچىك 21 قەبرە بارلىقى مەلۇم بولسىمۇ، لېكىن  بۈگۈنكى كۈنگە كەلگەندە بۇ قەبرىلەردىن پەقەت بىر نەچچىسىلا ساقلىنىپ قالغان.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر