مىس بۇيۇملارنى ياساش ھۈنەر - سەنئىتى

بىلىۋېلىڭ (27)

1958863
مىس بۇيۇملارنى ياساش ھۈنەر - سەنئىتى

مىس بۇيۇملارنى ياساش ھۈنەر - سەنئىتى

6 –فېۋرال كۈنى ناھايىتى چوڭ يەر تەۋرەش ئاپىتىنى باشتىن كەچۈرگەن قاھرامانماراشنىڭ قەدىمكى دەۋرلەردىن تارتىپلا مىس بۇيۇملارنى ياساش ھۈنەر – سەنئىتى بىلەن داڭ چىقارغان شەھەر ئىكەنلىكىنى بىلەمسىز؟

قانچە ئەسىرلەردىن بۇيان نۇرغۇن مەدەنىيەتلەر ھۆكۈم سۈرۈپ كەلگەن ئانادولۇدا كۆپ خىل قول ھۈنەرۋەنچىلىك سەنئىتىمۇ تەرەققىي قىلغان. بۇلارنىڭ بىرى «مىس بۇيۇملارنى ياساش سەنئىتى» دۇر.

ئانادولۇدا تۇنجى قېتىم بۇنىڭدىن  10 مىڭ يىل ئىلگىرى مىس بايقالغان ۋە پىششىقلاپ ئىشلەنگەن. چاتالھۆيۈك رايونىدا ئېلىپ بېرىلغان ئارخېئولوگىيەلىك قېزىپ تەكشۈرۈش پائالىيەتلىرى نەتىجىسىدە، نۇرغۇن بۇيۇملارنىڭ مىلادىدىن ئىلگىرىكى دەۋردە تەبىئىي مىسنى پىششىقلاپ ئىشلەش ئارقىلىق مىس بۇيۇملارنىڭ ياسالغانلىقى ئىسپاتلانغان. مىسنى بازغانلاش تېخنىكىسى ئارقىلىق شەكىللەندۈرۈش، بېزەش ئارقىلىق ئەنئەنىۋى يوسۇندا ھەر خىل ئاشخانا ۋە بېزەك بۇيۇملىرىنى ياساش قول ھۈنەرۋەنچىلىك سەنئىتى ھازىرمۇ كەڭ كۆلەمدە داۋاملاشماقتا.

ئىلگىرى پۈتكۈل ئانادولو رايونىدىكىگە ئوخشاشلا ماراشتىمۇ مىس قازانلار مۇھىم ئورۇنغا ئىگە بولۇپ، ئەۋلادتىن- ئەۋلادقا مىراس قالدۇرۇلاتتى. قاھرامانماراشنىڭ ئەڭ قەدىمكى قول ھۈنەر-سەنئەتلىرىدىن بولغان مىس بۇيۇملارنى ياساش ھۈنەر – سەنئىتى قول ھۈنەرۋەنچىلىك جەھەتتە تۈركىيەدە ئىنتايىن مۇھىم ئورۇندا تۇرىدۇ.

گەرچە مىس بۇيۇملارنى ياساش ھۈنەر – سەنئىتى ساھەسىدە نۇرغۇن تېخنىكىلار قوللىنىلىدىغان بولسىمۇ، ئەمما ماراشنىڭ مىس بۇيۇملارنى ياساش ھۈنەر– سەنئىتىنىڭ ئالاھىدىلىكى «بازغانلاش» تېخنىكىسىدۇر. ئىنسانلارنىڭ مېھنىتىگە تايىنىدىغان بۇ تېخنىكا ئۇزۇن ۋاقىت ۋە ئەمگەك تەلەپ قىلىدۇ.

بازغانلاش تېخنىكىسى ئارقىلىق مىس بۇيۇملارنى ياساش ھۈنەر – سەنئىتى 1950- يىللاردىن ئېتىبارەن قاھرامانماراشتا تېخىمۇ تېز تەرەققىي قىلغان، بۇنىڭ نەتىجىسىدە مىس مەھسۇلاتلىرى تۈركىيەنىڭ ھەرقايسى جايلىرىغا ئەۋەتىلىشكە باشلانغان.

قاھرامانماراشنىڭ ھەممە ئۆيلىرىدە نۇرغۇنلىغان مىسكەرلەرنىڭ كەسپىى بولغان بۇ سەنئەتنىڭ ئىزنالىرى كۆزگە چېلىقىدۇ. لوڭقا، گۈل تەشتەكلىرى، داس، پەتنۇس، تۇتقۇچلۇق قاچا، قاپىقى بار قازان، قازان، كاۋاپدان، چېلەك ۋە ھەر خىل بېزەك بۇيۇملىرى مىسكەرلەر ياسايدىغان مەھسۇلاتلارنىڭ بىر قىسمى ھېسابلىنىدۇ.

 يەتمىش پىرسەنت مىس ۋە ئوتتۇز پىرسەنت سىنىك ئارىلاشتۇرۇلۇپ ياسىلىدىغان مىس مىسكەرلەر تەرىپىدىن نەقىش بىلەن پىششىقلاپ ئىشلىنىپ، ھەر خىل مەھسۇلاتلارغا ئايلاندۇرۇلىدۇ.

 ئىشلەپچىقىرىلغان مەھسۇلاتلارنىڭ كۆپىنچىسى ساياھەت مەقسىتىدىكى بېزەك بۇيۇملىرىدىن تەشكىل تاپىدۇ. بازغانلاش تېخنىكىسى ئارقىلىق پىششىقلاپ ئىشلەنگەن مىس بۇيۇملار توم ھەم چىداملىق كېلىدۇ.

قاھرامانماراشتا ئىشلەپچىقىرىلىدىغان مىس بۇيۇملىرىغا چەتئەلدىن بولغان تەلەپنىڭ يۇقىرى بولۇشىنىڭ سەۋەبلىرىدىن بىرىمۇ دەل مۇشۇ.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر