تاشكۆپرو سامسىقىنىڭ شىپالىق ئالاھىدىلىكى

بىلىۋېلىڭ (25)

1952019
تاشكۆپرو سامسىقىنىڭ شىپالىق ئالاھىدىلىكى

تاشكۆپرو سامسىقىنىڭ شىپالىق ئالاھىدىلىكى

دۇنيادىكى ئەڭ ياخشى سامساقنىڭ تۈركىيەدە ئۆستۈرۈلىدىغانلىقىنى بىلەمسىز؟

ئۆتكۈر پۇرىقى سەۋەبىدىن بەزىلەر ئانچە ياقتۇرمايدىغان سامساق تاماقلارغا قوشىدىغان تەملىك لەززىتى بىلەن نۇرغۇن تائاملاردا زادى كەم بولسا بولمايدۇ. سامساق تۈرلۈك كېسەللىكلەگە شىپادۇر. تۈركىيەنىڭ كاستامونۇ ۋىلايىتىنىڭ تاشكۆپرۇ ناھىيەسىدە ئۆستۈرۈلىدىغان ۋە رايون خەلقى «ئاق ئالتۇن» دەپ ئاتايدىغان تاشكۆپرو سامسىقى سۈپەت جەھەتتىن دۇنيادىكى ئەڭ ياخشى سامساق ھېسابلىنىدۇ.

تاشكۆپرو سامسىقىنىڭ ئەڭ مۇھىم ئالاھىدىلىكى شۇكى، بەك چوڭ بولمىغان دائىملىق ۋە ئۆلچەملىك باش چوڭلۇقىدىكى باغلار تولۇق ۋە قاتتىق چىشلاردىن تەركىب تاپىدىغان بولۇپ، بۇزۇلماستىن ئۇزۇن ۋاقىت ساقلىغىلى بولىدۇ. تاشكۆپرۈ سامسىقى تۇپراقتىن ئايرىلغاندىن كېيىن ئوچۇق ھاۋادا ئۇدا سەككىز ئاي يېڭى ھالىتىنى ساقلىيالايدۇ. ئۇنىڭ پۇرىقى باشقا سامساقلارغا قارىغاندا ئۆتكۈر ھەم ئاچچىقتۇر. دورا نۇقتىسىدىنمۇ ئەڭ قىممەتلىك سامساقتۇر.

تاشكۆپرو سامسىقىنىڭ تەركىبىدە مىنېرال ماددىلار ۋە ۋىتامىنلار ئىنتايىن مول. مانگان، ۋىتامىن B1، ۋىتامىن  B6، ۋىتامىن C، كالتسىي، فوسفور، مىس، تۆمۈر، گۈڭگۈرت ۋە خۇشپۇراق قىممىتى ئەڭ يۇقىرى بولغان تاشكۆپرو سامسىقى تەركىبىدىكى سېلېن سايىسىدا تەڭداشسىز ئوكسىدلىنىشقا قارشى تۇرغۇچى ماددا ھېسابلىنىدۇ.  راكنىڭ ئالدىنى ئالىدىغان ۋە خەتەرنى ئازايتىدىغان ماددا بولغان سېلېن تاشكۆپرو سامسىقىدىن باشقا سامساقلاردا يوق دېيەرلىكتۇر. تۇغماسلىق، بويى پاكارلىق، چاچ چۈشۈش قاتارلىق كېسەللىكلەرگە پايدىلىق بۇ سامساقنىڭ يەنە بەزى باكتېرىيە ۋە ۋىرۇسلارغا قارشى ئۈنۈمى يۇقىرىدۇر. تەركىبىدىكى ماددىلار تەمىنلەيدىغان خۇسۇسىيەتلەر سەۋەبىدىن بۇ سامساق دورا سانائىتى ساھەسىدىمۇ ئىشلىتىلىدۇ.

تاشكۆپرۇ سامسىقىنىڭ پايدىلىرىدىن بىر قىسمى شۇكى، ئىممۇنىتېت سىستېمىسىنى كۈچەيتىدۇ، يۇقىرى قان بېسىمنى ۋە قاندىكى خولېستېرىننىڭ سەۋىيەسىنى تۆۋەنلىتىدۇ. بۇنىڭدىن باشقا يەنە، قان ئايلىنىشنى تەڭشەيدۇ، ئارتېرىيە قېتىشىشنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ، قاندىكى قەنت مىقدارىنى تەڭپۇڭلاشتۇرىدۇ، ئىشتىھانى ئاچىدۇ ۋە ھەزىم قىلىشنى قولايلاشتۇرىدۇ. ئاشقازان ۋە ئۈچەينى دېزىنفېكسىيە قىلىپ، زىيانلىق باكتېرىيەنى يوقىتىدۇ. نەپەس يوللىرى كېسەللىكلىرى ۋە كانايچە ياللۇغىغا پايدىلىق.

سامساق بۆرەكنىڭ نورمال ئىشلىشىگە ياردەم بېرىدۇ، جاراھەت ۋە دانىخورەكنى ساقايتىدۇ، زەھەرلىنىشنى داۋالاشتا ئۈنۈمى يۇقىرى. سامساقنىڭ بۇ پايدىلىرىدىن تولۇق پايدىلىش ئۈچۈن، ھەر كۈنى 2-3 چىش سامساق يېيىش كېرەك. لېكىن، قان بېسىمى تۆۋەن كىشىلەرنىڭ سامساقنى ئېھتىيات بىلەن ئىستېمال قىلىشى تەۋسىيە قىلىنىدۇ.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر