ئافرودىسىئاس قەدىمكى شەھىرى

بىلىۋېلىڭ (24)

1949256
ئافرودىسىئاس قەدىمكى شەھىرى

ئافرودىسىئاس قەدىمكى شەھىرى

ئافرودىسىئاس قەدىمكى شەھىرىنى داڭلىق فوتوگراف ئارا گۈلەرنىڭ  تاسادىپىي بايقىغانلىقىنى بىلەمسىز؟

1958-يىلى ژۇرنالىست بولغان ئارا گۈلەر، بىر قېتىملىق ۋەزىپە ئۆتەش سەپىرىدە يولىدىن ئېزىپ قالىدۇ. ئۇ ئارام ئالغان يېزىدا تارىخىي تۈۋرۈكلەر ۋە ھەيكەللەرنى كۆرۈپ، ئۇلارنى رەسىمگە تارتىدۇ. ئارا گۈلەر تارتقان بۇ فوتو سۈرەتلەر دۇنيادىكى ئەڭ مۇھىم رادىيو – تېلېۋىزىيەلەر ۋە بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ مائارىپ، ئىلىم-پەن ۋە مەدەنىيەت تەشكىلاتى (UNESCO) نىڭ دىققىتىنى قوزغايدۇ. ئارا گۈلەرنىڭ پائالىيەتلىرى ۋە دۇنيا مەتبۇئاتلىرىنىڭ كۆڭۈل بۆلۈشى نەتىجىسىدە ئېلىپ بېرىلغان تەتقىقاتلاردا، بۇ تارىخىي خارابىلىكلەرنىڭ مىلادىدىن ئىلگىرىكى 5-ئەسىردە قۇرۇلغان  ئافرودىسىئاس قەدىمكى شەھىرىگە ئائىت ئىكەنلىكى ئىسپاتلىنىدۇ.

ئافرودىسىئاس قەدىمكى شەھىرى، غەربىي ئانادولۇدىكى ئايدىن ۋىلايىتىنىڭ كاراجاسۇ ناھىيەسىدىكى گەيرە يېزىسى ئەتراپىغا جايلاشقان. ئافرودىسىئاس قەدىمكى شەھىرى، ئىسمىدىنمۇ مەلۇم بولغىنىدەك، مۇھەببەت ۋە گۈزەللىك ئىلاھى ئافرودىتېغا بېغىشلانغان بولۇپ، «ئافرودىتېنىڭ ئورنى ۋە رايونى» دېگەن مەنىنى بىلدۈرىدۇ.

ئافرودىسىئاس قەدىمكى شەھىرى، رىم دەۋرىدە «ئافرودىت ئىبادەتخانىسى» بىلەن داڭ چىقارغان ۋە ناھايىتى تەرەققىي قىلغان  بىر شەھەردۇر.

ئارا گۈلەر ئافرودىسىئاس قەدىمكى شەھىرىنى بايقىغاندىن كېيىن،  1960 – يىللارنىڭ باشلىرىدىن ئېتىبارەن ئارخېئولوگ پىروفېسسور دوكتور كەنان تەۋفىق ئەرىمنىڭ شەخسىي تەشەببۇسلىرى نەتىجىسىدە، ئافرودىسىئاس قەدىمكى شەھىرىدە ئارخېئولوگىيەلىك قېزىپ تەكشۈرۈش پائالىيەتلىرى باشلىنىدۇ.

نامى ئافرودىسىئاس قەدىمكى شەھىرى بىلەن بىر گەۋدىلىشىپ كەتكەن پىروفېسسور دوكتور كەنان تەۋفىق ئەرىم، نىيۇ يورك ئۇنىۋېرسىتېتىدا كىلاسسىك دەۋر پروفېسسورى ۋە ئافرودىسىئاس قەدىمكى شەھىرىنى ئارخېئولوگىيەلىك قېزىپ تەكشۈرۈش پائالىيەتلىرىنىڭ مەسئۇلى سۈپىتىدە تاكى 1990-يىلى ۋاپات بولغانغا قەدەر ۋەزىپە ئۆتەيدۇ.

ئەرىم، ئۆزىنىڭ زىيارەتلىرى، يازمىلىرى ۋە نۇتۇقلىرى ئارقىلىق ئافرودىسىئاس قەدىمكى شەھىرىنىڭ دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا داڭق چىقىرىشى ۋە ئارخېئولوگىيەلىك قېزىپ تەكشۈرۈش پائالىيەتلىرىنى مەبلەغ بىلەن تەمىنلەشكە زور تۆھپىلەرنى قوشىدۇ.

ئافرودىسىئاس قەدىمكى شەھىرى ئىبادەتخانىسى، ھاممام ۋە ئاگورا ، تەنتەربىيە مەيدانى، 8000 كىشىلىك تىياتىرخانا، رىم-ۋېزانتىيە دەۋرلىرى ئارىسىدا سوقۇلغان سېپىللار، ئاكروپول ۋە ئودېئون ھازىرمۇ قەد كۆتۈرۈپ تۇرۇۋاتقان يادىكارلىقلاردۇر.

دۇنيادىكى ئەڭ مۇھىم قەدىمىي قۇرۇلۇشلار قاتارىدىن ئورۇن ئالغان خارابىلىكنىڭ ئەڭ كۆركەم يادىكارلىقلىرىدىن بىرى، شەھەرنىڭ شىمالىغا جايلاشقان ۋە 30 مىڭ كىشى سىغىدىغان تەنتەربىيە مەيدانى بولۇپ، ئۇزۇنلۇقى 270 مېتىر كېلىدۇ.

ئارخېئولوگىيەلىك قېزىپ تەكشۈرۈش پائالىيەتلىرى داۋامىدا قېزىۋېلىنغان ئاسارە-ئەتىقىلەر كۆرگەزمە قىلىنىدىغان ۋە خارابىلىكلەر بىلەن گىرەلىشىپ كەتكەن نادىر مۇزېيلاردىن بىرى بولغان ئافرودىسىئاس مۇزېيىدا، رىم، ۋېزانتىيە ۋە دەسلەپكى ئىسلام دەۋرىدىكى ئاسارە-ئەتىقىلەر كۆرگەزمە قىلىنماقتا.

2004-يىلى مۇتەخەسسىسلەردىن تەشكىل تاپقان زاسېداتېللار ئۆمىكى تەرىپىدىن «ئەڭ مۇنەۋۋەر قەدىمكى ئون چوڭ شەھەر» تىزىملىكىگە كىرگۈزۈلگەن ئافرودىسىئاس خارابىلىكى، 2017-يىلى بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى مائارىپ، ئىلىم-پەن ۋە مەدەنىيەت ئورگىنى (UNESCO) نىڭ دۇنيا مەدەنىيەت مىراسلىرى تىزىملىكىگە داخىل قىلىندى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر