مۇغلانىڭ قارىغاي دەرىخى ھەسىلى

بىلىۋېلىڭ (22)

1942499
مۇغلانىڭ قارىغاي دەرىخى ھەسىلى

مۇغلانىڭ قارىغاي دەرىخى ھەسىلى

تۈركىيەدىكى ھەسەل ئىشلەپچىقىرىشنىڭ تۆتتىن بىر قىسمىنىڭ موغلادا ئىشلەپچىقىرىلىدىغانلىقىنى بىلەمسىز؟

ھەسەل قەدىمكى دەۋرلەردىن بۇيان ئىنسانلار ئۈچۈن ئەڭ مۇھىم ئۇزۇقلۇق مەنبەلىرىنىڭ بىرىدۇر. دۇنيادىكى ۋە تۈركىيەدىكى ھەسەل ئىشلەپچىقىرىشنىڭ مۇھىم بىر قىسمى مۇغلا رايونىدا ئىشقا ئاشۇرۇلىدۇ. بۇ رايوننىڭ قىش پەسلى ئىللىق بولغاچقا، بۇ رايون ھەسەل ھەرىسى باققۇچىلارنى يىل بويى چەكسىز گۈل مەنبەسى بىلەنمۇ تەمىنلەيدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، سېترىس ۋە بادام تۈرلىرىدىن تەركىب تاپقان چوڭ  مېۋىلىك باغلارمۇ رايونلۇق ھەسەل ھەرىسى بېقىشتا ئىنتايىن مۇھىم.

 بۇ رايوننىڭ يەنە بىر بايلىقى  بولسا ئېرەن دەرىخىدۇر. تاتلىق  بىر دەرەخ بولغان ۋە مۇغلا ۋىلايىتىنىڭ ھەرقايسى ناھىيەلىرىدە يېتىشىدىغان «ئانادولۇ ئېرەن دەرىخى» نىڭ گۈل چېڭى، مىكروب ئۆلتۈرگۈچى شىپالىق رولى سايىسىدا ئىنتايىن قىممەتلىكتۇر. بىراق، كەڭ قارىغايزارلىقلىرى تۈپەيلى، مۇغلانىڭ ئاساسلىق ھەسەل ھەرىسى مەھسۇلاتى قارىغاي دەرىخى ھەسىلىدۇر. مۇغلا رايونىدىكى قارىغاي دەرىخى ھەسىلى ئىشلەپچىقىرىش شەھەرنىڭ تارىخىغا ئوخشاشلا كونىدۇر.

قارىغاي دەرىخى ھەسىلى ھەسەل ھەرىسى گۈل چېچىكىدىن ئەمەس، بەلكى ئاقدېڭىز ئىقلىمىغا خاس بىر قىسىم قارىغاي دەرىخى تۈرلىرىنىڭ غولىدا ياشايدىغان ۋاسىتىچى بىر ھاشارات سۇيۇقلۇق ماددىسىدىن ئىشلەپچىقىرىدىغان ئۆزگىچە ھەسەلدۇر. قارىغاي دەرىخى ھەسىلىنى ئىشلەپچىقىرىدىغان ۋە ئانا ۋەتىنى تۈركىيە بولغان بۇ ھاشارات پەقەت «تۈركىيە قارىغايزارلىقى» دەپ ئاتالغان  قىزىل قارىغايزارلىق ۋە ھەلەب قارىغايرلىقىدا ياشايدۇ.

تۈركىيە ئېكسپورت قىلىۋاتقان ھەسەلنىڭ ھەممىسى دېگۈدەك قارىغاي دەرىخى ھەسىلىدۇر. قارىغاي دەرىخى ھەسىلى ئۇزۇن ۋاقىت كىرىستاللاشماسلىق ۋە شىپالىق ئۇزۇقلۇق خۇسۇسىيىتىگە ئىگە بولغانلىقى ئۈچۈن، تېبابەتچىلىك ۋە يېمەكلىك سانائىتىدە ئىشلىتىلىش دائىرىسى ناھايىتى كەڭدۇر.

 قېنىق رەڭلىك مۇغلا قارىغاي دەرىخى ھەسىلىنىڭ روشەن ئالاھىدىلىكى شۇكى، ئۇنىڭ تەركىبىدە تۆمۈر، مانگان ۋە سىنىك قاتارلىق كۈچلۈك مىنېرال ماددىلار بار.

تەتقىقاتلاردا، مۇغلادا ئىشلەپچىقىرىلىدىغان قارىغاي دەرىخى ھەسىلىنىڭ مىكروبقا قارشى تۇرۇش رولىنىڭ ناھايىتى يۇقىرى ئىكەنلىكىمۇ ئىسپاتلاندى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر