مىلاس ۋە زەيتۇنچىلىق كەسپى

بىلىۋېلىڭ (21)

1940199
مىلاس ۋە زەيتۇنچىلىق كەسپى

مىلاس ۋە زەيتۇنچىلىق كەسپى

تۈركىيەنىڭ غەربىي جەنۇبىغا جايلاشقان مىلاس رايونىدا زەيتۇنچىلىق كەسپىنىڭ ئىنسانىيەت تارىخىغا ئوخشاشلا ئۇزۇن ئىكەنلىكىنى بىلەمسىز؟

مىلاس غەربىي ئانادولۇغا جايلاشقان مۇغلا ۋىلايىتىنىڭ بىر ناھىيەسى بولۇپ، ئاقدېڭىز ئىقلىمىنىڭ ئۆسۈملۈكلىرى بىلەن قاپلانغاندۇر. بۇ ئۆسۈملۈكلەرنىڭ ئەڭ كۆزگە كۆرۈنگەن دەرەخلىرىدىن بىرى زەيتۇن دەرىخىدۇر.

 مىلاس تىلغا ئېلىنغان ھامان ئادەمنىڭ كۆز ئالدىغا تارىخ ۋە زەيتۇن كېلىدۇ. ئەگە دېڭىزى رايونى ۋە تۈركىيەنىڭ ئەڭ مۇھىم زەيتۇن ئىشلەپچىقىرىش مەركەزلىرىدىن بىرى بولغان مىلاستا، ئىنسان ھاياتى ئېنىقلاپ چىقىلغان تارىختىن بۇرۇنقى دەۋردىمۇ زەيتۇن دەرىخلىرىنىڭ مەۋجۇتلۇقى بايقالغان. زەيتۇنچىلىق كەسپى قەدىمكى دەۋرلەردىن تارتىپ ھازىرغىچە مىلاس رايونىنىڭ ئەڭ ئاساسلىق كىرىم مەنبەسى بولۇپ كەلگەن.

تارىخنىڭ ئوخشىمىغان دەۋرلىرىدە تاجاۋۇزچىلار تەرىپىدىن ۋەيران قىلىنغان بۇ شەھەرنىڭ زەيتۇنلۇق ساھەلىرىمۇ ئۇرۇشلار سەۋەبىدىن ئېغىر زىيانغا ئۇچرىغان. ئەگەر بۇ رايوندىكى زەيتۇن دەرەخلىرى بۇنچىلىك ئېغىر زىيانغا ئۇچرىمىغان بولسا، مىلاسنىڭ بۈگۈنكى كۈندىكى زەيتۇن دەرىخلىرىنىڭ بىر ھەسسە ياكى ئۈچ ھەسسە كۆپ بولىدىغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلمەكتە.

 بۇ رايوندا تەبىئىي رەۋىشتە ئۆزلىكىدىن ئۆسىدىغان ۋە رايوندا «نازۇك» دەپ ئاتىلىدىغان زەيتۇن دەرەخلىرى، ئىنسانلارنىڭ قولى بىلەن ئۇلىنىپ مەدەنىيەت دەرىخىگە ئايلىنىدۇ. ئۇلانغان زەيتۇن دەرەخلىرى يا تاغلاردىكى ياكى تاغ باغىرلىرىدىكى زەيتۇن دەرىخلىرىگە ئايلاندۇرۇلماقتا، ياكى ئېتىزلارغا كۆچۈرۈلۈپ، زەيتۇن دەرەخلىرى ھاسىل قىلىنماقتا. بۇ ئەنئەنە ئىنسانىيەت تارىخىدىن بۇيان داۋاملىشىپ كەلمەكتە.

مىلاستىكى زەيتۇنلۇقلاردا ئەڭ كۆپ ئۇچرايدىغان سورت  «مەمەجىك» تۇر. زەيتۇنلۇقلار ئادەتتە تاغلىق رايونلاردا، يانتۇلۇقلاردا ۋە قاقاس ئېتىزلاردا بولغاچقا، سۇغىرىش مۇمكىن ئەمەس. بۇ سەۋەبتىن، زەيتۇنلار پىشىپ يېتىلگەنگە قەدەر يامغۇر سۇلىرى ياكى يىلتىزلىرى يېتىپ بارالايدىغان يەر ئاستى سۇلىرى بىلەن ئوزۇقلىنىدۇ. بۇ ئەھۋال زەيتۇننىڭ كىسلاتالىق دەرىجىسىنى تۆۋەنلىتىدۇ ۋە لەززەتلىك تەمىنى ئاشۇرىدۇ.

 مىلاس رايونىنىڭ زەيتۇن يېغىنىڭ داڭ چىقىرىشىمۇ، دەل قەدىمكى دەۋرلەردىن بۇيان قويۇق ۋە سۈپەتلىك «مەمەجىك» ناملىق سورتلۇق زەيتۇننىڭ ئىشلەپچىقىرىلىشى سەۋەبىدىندۇر.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر