<ئاق توغاچ> نىڭ شىپالىق رولى

نىڭ شىپالىق رولى (20)

1938966
<ئاق توغاچ> نىڭ شىپالىق رولى

<ئاق توغاچ> نىڭ شىپالىق رولى

شىرنىلىك ۋە سورتلۇق «ئاق توغاچ»  نىڭ پەقەت «كاز تاغلىرى» دىلا ئۆسىدىغان يەرلىك مېۋە ئىكەنلىكىنى بىلەمسىز؟

ئانادولۇنىڭ غەربىدە، ئەپسانىۋى ئىسمى «ئىدا» بولغان «كاز تاغلىرى» نىڭ شىمالىي ئېتەكلىرىگە جايلاشقان چاناققەلئە ۋىلايىتىنىڭ بايرامىچ ناھىيەسىدە ئۆسىدىغان «ئاق توغاچ»، شىرنىلىك بىر خىل شاپتۇلدۇر. تەمى ۋە پۇرىقى بىلەن باشقا شىرنىلىك تۈرلەرگە ئوخشىمايدىغان بۇ مېۋىنىڭ، «كاز تاغلىرى» دىن كېلىدىغان ئورمان ھاۋاسى ۋە دېڭىزدىكى يود ۋە ئوكسىگېن مىقدارىنىڭ تەسىرىدە ئۆزگىچە تەم بار. ئۆزگىچە ئىقلىمى تۈپەيلى بۇ رايوندا ئۆسىدىغان«ئاق توغاچ» نىڭ باشقا جايدا ئۆسۈشى مۇمكىن ئەمەس.

رەڭگى، تەمى ۋە پۇرىقى بىلەن 2013-يىلى تۈركىيەدە جۇغراپىيەلىك كۆرسەتكۈچ سۈپىتىدە «ئاق بايرامىچ» ئىسمى بىلەن تىزىمغا ئېلىنغان بۇ مېۋە، 2021-يىلى 16 – ئاپرېل كۈنى، ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ رەسمىي گېزىتىدە ئېلان قىلىندى ۋە ياۋروپا ئىتتىپاقىدىكى جۇغراپىيەلىك كۆرسەتكۈچ سۈپىتىدە تىزىمغا ئېلىنغان تۈركىيەنىڭ يەتتىنچى مەھسۇلاتى بولۇپ قالدى.

 يەتتە مىڭ دۆنۈملۈك يەردە باھار، ياز ۋە كۈز پەسىللىرىدە يىغىۋېلىنىدىغان «ئاق توغاچ» نىڭ ئۆمرى، باشقا شىرنىلىك سورتلارغا قارىغاندا ئۇزۇن بولىدۇ.

خۇشپۇراق تەركىبى يۇقىرى بولغان «ئاق توغاچ» مۇكەممەل ساغلاملىق مەنبەسى ھېسابلىنىدۇ. ئوكسىدلىنىشقا قارشى تۇرۇش مەنبەسى بولغان «ئاق توغاچ»، ئۆسمىلەر ۋە تۈرلۈك بوغماق ئۈچەي راكلىرىنىڭ ئالدىنى ئالالايدىغان تەبىئىي تەركىبلەرگە ئىگە بولۇشتەك شىپالىق رولى سايىسىدا،  ئورۇقلاشنى خالايدىغانلار ئۈچۈن ناھايىتى ياخشى مېۋىدۇر. تەركىبىدىكى لۇتېن ماددىسى سايىسىدا كۆز ساغلاملىقىنى قوغداش رولى بار.

«ئاق توغاچ»، ھەم تېرىنىڭ گۈزەللىكىگە تۆھپە قوشىدۇ، ھەمدە خۇشپۇراق پۇرىقى ئەتىر سانائىتىدىمۇ ئىشلىتىلىدۇ.

ئەنە شۇنداق ئالاھىدىلىكلىرى تۈپەيلى، تۈركىيەنىڭ مۇھىم ئېكسپورت مەھسۇلاتلىرىنىڭ بىرى بولغان بۇ مېۋىگە بولغان تەلەپ ناھايىتى يۇقىرىدۇر.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر