دۇنيانىڭ تۈركىيەدىكى ئىككى مۆجىزىسى

بىلىۋېلىڭ (19)

1933946
دۇنيانىڭ تۈركىيەدىكى ئىككى مۆجىزىسى

دۇنيانىڭ تۈركىيەدىكى ئىككى مۆجىزىسى

قەدىمكى دۇنيانىڭ يەتتە مۆجىزىسىدىن ئىككىسىنىڭ تۈركىيەدە ئىكەنلىكىنى بىلەمسىز؟

«يەتتە» دېگەن سان، قەدىمكى دەۋردىكى بەش سەييارە، قۇياش ۋە ئاينىڭ يىغىندىسى بولغاچقا، گىرېتسىيەلىكلەرنىڭ نەزىرىدە بەرىكەت ۋە مۇكەممەللىكىنى ئىپادىلەيدۇ، ھەمدە بۇ سان مۇھىم تىزىملىكلەردە ھەمىشە ئاساسلىق ئورۇندا تۇرىدۇ. بۇلاردىن بىرى، دۇنيادىكى 7 مۆجىزە تىزىملىكى بولۇپ، كىلاسسىك قەدىمكى دۇنيانىڭ تۇنجى ۋە ئەڭ دىققەت قوزغايدىغان ئۈلگىسىنى تەشكىل قىلىدۇ. قەدىمكى دەۋرلەردىن تارتىپ ھازىرغىچە ئاقدېڭىز ئەتراپىدىكى دۇنيانىڭ ئەڭ ھەيۋەتلىك تەبىئىي ۋە سۈنئىي گۈزەللىكلىرى ئارىسىدىن تاللىنىپ تۈزۈلگەن بۇ تىزىملىكتىكى يەتتە مۆجىزەدىن ئىككىسى ئانادولۇغا جايلاشقان.

تۈركىيەدىكى قەدىمكى دۇنيانىڭ مۆجىزىلىرى ئارىسىدىكى ئىككى مۆجىزەدىن بىرى، «ئارتېمىس ئىبادەتخانىسى» دۇر. ئىزمىر ۋىلايىتىنىڭ سەلچۇق ناھىيەسىگە، قەدىمكى ئەفەس شەھىرىدىن تەخمىنەن 4 كىلومېتىر يىراقلىققا جايلاشقان بۇ ئىبادەتخانا، مىلادىدىن ئىلگىرىكى 550-يىلى سېلىنغان. پۈتۈنلەي مەرمەر تاشتىن ياسالغان ۋە ياساشقا 120 يىل ۋاقىت كەتكەن «ئارتېمىس ئىبادەتخانىسى» دىن بۈگۈنكى كۈندە پەقەت بىر نەچچە مەرمەر تاشلا ساقلىنىپ قالغان.

تۈركىيەدىكى قەدىمكى دۇنيانىڭ يەنە بىر مۆجىزىسى بولسا «ھالىكارناس مەقبەرىسى» دۇر. بۈگۈنكى كۈندە مەشھۇر ساياھەت رايونى بولغان بودرۇمنىڭ چېگرالىرىغا جايلاشقان بۇ مەقبەرە، مىلادىدىن ئىلگىرىكى 350-يىلى ياسالغان. كارىياد پادىشاھى ماۋسولوس ئۈچۈن ئايالى ۋە سىڭلىسى تەرىپىدىن ياسالغان بۇ مىسلىسىز «ھالىكارناس مەقبەرىسى»، چوڭ يەر تەۋرەشتە ۋەيران بولغان. 15-ئەسىردە ئەھلىسەلىپ ئۇرۇشلىرى جەريانىدا بۇ رايونغا كەلگەن قوشۇنلار «بودرۇم قەلئەسى» نى سالغاندا، مەقبەرەنىڭ پارچىلىرىنى قەلئە قۇرۇلۇشىدا ئىشلەتكەن ئىكەن. شۇ ۋەجىدىن،  «ھالىكارناس مەقبەرىسى» نىڭ خارابىلىكى ئاساسىي جەھەتتىن يوقاپ كەتكەن بولۇپ، بۇ يەرنى «دالا  مۇزېيى» دەپ قاراشقا بولىدۇ. يادىكارلىقنىڭ بەزى پارچىلىرى بولسا ئەنگىلىيەدىكى «بىرىتانىيە  مۇزېيى» دا كۆرگەزمە قىلىنماقتا.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر