ئەزەربەيجاندا 5.2 بال يەر تەۋرىدى
ئەزەربەيجان يەر تەۋرەش مۇلازىمەت مەركىزى يەر تەۋرەش ھەققىدە بايانات ئېلان قىلدى.
2138379
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئەزەربەيجان يەر تەۋرەش مۇلازىمەت مەركىزىنىڭ باياناتىدا، تۈنۈگۈن (11- ماي) شۇ يەرنىڭ ۋاقتى چۈشتىن كېيىن سائەت 17:23 دە لانكاران ۋىلايىتى چېگراسى ئىچىدىكى تاغلىق رايوندا 5.2 بال يەر تەۋرىگەنلىكى بىلدۈرۈلدى.
باياناتتا، يەر يۈزىدىن 18 كېلومىتىر چوڭقۇرلۇقتا يۈز بەرگەن يەر تەۋرەشنىڭ ئەتراپتىكى ۋىلايەتلەردىمۇ ھېس قىلىنغانلىقى ئۇقتۇرۇلدى.
يەر تەۋرەشتە يارىلىنىش ياكى ئادەم ئۆلۈش ھادىسىسى كۆرۈلگەن ۋەياكى كۆرۈلمىگەنلىكى ھەققىدە ھازىرچە ھېچقانداق ئۇچۇر ھەمبەھىرلەنمىدى.
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
ئىشغالىيەت ئاستىدىكى 4 يېزا – كەنت ئەزەربەيجانغا قايتۇرۇپ بېرىلدى
ئەرمېنىيەنىڭ گازاھ شەھىرىدە ئىشغالىيەت ئاستىدىكى 4 يېزا – كەنت ئەزەربەيجانغا قايتۇرۇپ بېرىلدى.