ت ر ت قۇرۇلغانلىقىنىڭ 60 يىللىقىنى تەبرىكلىدى

تۈركىيەنىڭ كۆرۈنۈش ۋە ئاۋاز ئامبىرى، خاتىرىسى، ئۆزىكى ھېسابلىندىىغان تۈركىيە رادىيو-تېلېۋىزىيە ئىدارىسى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 60-خاتىرە يىلىنى ئالاھىدە پىروگرامما ئۇيۇشتۇرۇپ تەبرىكلىدى.

2134510
ت ر ت قۇرۇلغانلىقىنىڭ 60 يىللىقىنى تەبرىكلىدى
sobacı.jpg

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە رادىيو-تېلېۋىزىيە ئىدارىسى باش مۇدىرى مەھمەت زاھىد سوباجى ساھىبخانلىقىدا پايتەخت ئەنقەرەدە ئۆتكۈزۈلگەن پائالىيەتكە، تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى جۇمھۇر رەئىسلىك مەھكىمىسى ئۇچۇر – ئالاقە ئىشلىرى ئىدارىسى باشلىقى فاھرەتتىن ئالتۇن،  TRT ئېكرانلىرىنىڭ رەڭدار سىمالىرى ۋە كۆپ ساندا مېھمان ئىشتىراك قىلدى.

جۇمھۇر رەئىسلىك مەھكىمىسى ئۇچۇر – ئالاقە ئىشلىرى ئىدارىسى باشلىقى ئالتۇن، TRT نىڭ  تۈركىيە ئۇچۇر-ئالاقە ئەندىزىسىنىڭ ئەڭ مۇھىم توشۇغۇچىسى ئىكەنلىكىنى ئېيتتى.

TRT نىڭ غەرب تاراتقۇلىرى ئۈستىنى يېپىشقا ئۇرۇنغان ياكى نەزەردىن ساقىت قىلغان ھەر بىر مەسىلىدە دېگۈدەك خەلقئارا جەمئىيەتنى توغرا ئۇچۇر بىلەن نەق مەيداندىن دەل ۋاقتىدا تەمىنلەپ كەلگەنلىكىنى بىلدۈرگەن سوباجى: «TRT ئاكتىپ خەلقئارالىشىش ۋە رەقەملەشتۈرۈش مۇساپىسىنى يولغا قويدى. <خەلقئارالىشىش ۋە رەقەملەشتۈرۈش>تىن ئىبارەت بۇ ئۇقۇملار، مېنىڭچە،  TRT نىڭ ئاخىرقى مەزگىللەردە ئىز قالدۇرغان ئىككى مۇھىم ئۇقۇمدۇر. بۈگۈن بىز TRT، TRT World، ئۆتكەن ھەپتە ئاچقان TRT ئىسپانچە رەقەملىك خەۋەر سۇپىسى، TRT ئەرەبچە، TRT رۇسچە، TRT ئافرىقا، TRT بالقان، TRT فىرانسۇزچە قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان 41 خىل تىل ۋە دىئالېكتتىكى تارقىتىش ئىشلىگۈچىسى، دۇنياۋى ئاخبارات ماركىسى» دېدى.

TRT باش مۇدىرى مەھمەت زاھىد سوباجىمۇ TRT نىڭ <تۈركىيە ئەسىرى> تەسەۋۋۇرىنىڭ ۋەكىلى بولۇش سۈپىتى بىلەن، «دۇنيانى دۇنياغا ئادىل نۇقتىئىنەزەر بىلەن ئاڭلاتقانلىقى»نى ئوتتۇرىغا قويدى.

تۈركىيەنىڭ بىر ئاممىۋى تارقىتىش  ئورگىنى بولۇش سۈپىتى بىلەن، دۆلەتنىڭ تەسەۋۋۇر ۋە ئىرادىسىنى ئوخشىمىغان تىل ۋە شىۋىلەردىكى ئاڭلىتىشى بىلەن 7 قىتئەگە يەتكۈزگەنلىكىگە ئىشارەت قىلغان سوباجى: «بۇ ئارقا كۆرۈنۈشتە، <تۈركىيە ئەسىرى> تەسەۋۋۇرىنىڭ تارقىتىش ساھەسىدىكى ۋەكىلى سۈپىتىدە، تۈركىيەنى دۇنياغا، دۇنيانى تۈركىيەگە ئاڭلىتىش بىلەنلا قالماستىن، دۇنيانى دۇنياغا ئادىل نۇقتىئىنەزەردە تۇرۇپ ئاڭلىتىۋاتىمىز. سۈزگۈچلەر ئارقىلىق ئەمەس، بەلكى ئادىل كۆز قاراش بىلەن دۇنيانىڭ ھەممىلا يېرىگە قاراشقا تىرىشىۋاتىمىز، بىز ئىنساننى مەركەزگە قويۇپ، سۆز قىلىش ھوقۇقىنىڭ باراۋەر تەقسىملىنىشىگە كاپالەتلىك قىلىشقا پۈتۈن كۈچىمىز بىلەن تىرىشچانلىق كۆرسىتىۋاتىمىز» دېدى.

ئۇ TRT قاناللىرى ئارقىلىق نادىر ئەسەرلەرنى ئوتتۇرىغا چىقارغانلىقلىرىنى، TRT نىڭ بۈگۈنكى كۈندە ئەڭ مۇھىم ۋە ھۆرمەتكە سازاۋەر تارقىتىش ئورگانلىرىنىڭ بىرىگە ئايلانغانلىقىنى سۆزلىرىگە ئىلاۋە قىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر