تاللانما پروگراممىلىرىمىز ئۈن-سىن Rss
TRT-World ئۇيغۇرچە بېتىمىزدە ئىشلىتىلگەن فونتنى چۈشۈرۈڭ
زامانىۋىي تۈرمۈشنى قوللاش جەمئىيىتىنىڭ باشلىقى سايلان بۈگۈن يەرلىكىگە قويۇلدى

تۈنۈگۈن ئىستانبۇلدا ھاياتىدىن ئايرىلغان زامانىۋىي تۈرمۈشنى قوللاش جەمئىيىتىنىڭ باشلىقى پروفېسسور دوكتور سايلان بۈگۈن يەرلىكىگە قويۇلدى

يوللاندى 19.05.2009 15:15:01 UTC
يېڭىلاندى 19.05.2009 15:43:47 UTC

تۈركىيە ئاۋازى رادىئوسى خەۋىرى: تۈنۈگۈن ئىستانبۇلدا ھاياتىدىن ئايرىلغان زامانىۋىي تۈرمۈشنى قوللاش جەمئىيىتىنىڭ باشلىقى پروفېسسور دوكتور سايلان بۈگۈن يەرلىكىگە قويۇلدى.

تۇركان سايلان ئۈچۈن تەزىيە بىلدۈرىدىغانلار زامانىۋىي تۈرمۈشنى قوللاش جەمئىيىتىنىىڭ مەركىزىدە قوبۇل قىلىندى.

پروفېسسور سايلان ئۈچۈن لۇتفى قىردار قۇرۇلتاي زالىدا ماتەم مۇراسىمى ئۆتكۈزۈلدى.

سايلاننىڭ جىنازىسى تەشۋىقىيە جامىسىدە پىشىن نامىزىدىن كېيىن زىنجىرلى كۇيۇ مازارلىقىغا دەپنە قىلىندى.

سايلان 1976 ـ يىلى ئىستانبۇل ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ مېدىتسىنا فاكولتوتىنى پۈتكۈزۈپ جۇزامغا قارشى تۇرۇش جەمئىيىتىنى قوردى. بۇ كېسەللىكنى يوقۇتۇش يولىدا ئانادولونىڭ شارائىتى ئەڭ قېيىن رايونلىرىدا خىزمەت قىلدى.

تۇركان سايلان 1989 ـ يىلى زامانىۋىي تۈرمۈشنى قوللاش جەمئىيىتىنى قۇرۇپ، مىڭلىغان ياشلارنىڭ مەكتەپكا بېرىشىغا يېتەكچىلىك قىلدى.

”قارلەيلىسى“ لايىھىسى ئارقىلىق مەكتەپكە ئەۋەتىلمەيدىغان قىزلارنىڭ مەسىلىسىنى ھەل قىلىشقا تىرىشتى.

سايلان 1986 ـ يىلى خەلقئارا گاندى مۇكاپىتىغا ئېرىشىپ، 1981 ـ يىلىدىن 2002 ـ يىلىغىچە ئىستانبۇل لېپرا دوختۇرخانىسىدا مەسئۇل دوختۇر بولۇپ خىزمەت قىلدى.

سايلان يەنە 2001 ـ يىلىدىن 2007 ـ يىلىغىچە تۈركىيە ئالى مائارىپ باشقارمىسىنىڭ ئەزاسىمۇ بولغان ئىدى.





تۈركىيە ئاۋازى رادىئوسى ھەققىدە ت ر ت ھەققىدە بىز بىلەن ئالاقىلىشىڭ چاستۇتا ئۈن-سىن
ت ر ت رادىئوسى
ت ر ت تېلېۋىزىيسى
ت ر ت خەۋىرى
ت ر ت قىسقىچە تارىخى
Terms of use
پىكىرلىرىڭىزنى ئەۋەتىڭ
سۇنئىي ھەمرادىن تارقېتىشلار
ئاڭلىتىشلىرىمىزنىڭ ۋاقىت جەدۋىلى
فوتۇ-سۈرەت كۆرگەزمىسى
ئاڭلاڭ/كۆرۈڭ
تاللانما پروگراممىلىرىمىز
Turkish Radio - Television Corporation Official Web Site